ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى تۆۋەن كومىتېتى 17-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق خاتىمە بېرىش، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
يىغىندا خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پايدا-زىياننى دەپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىلىكلەرلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى (NBA) نىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئالاھىدە تەنقىد قىلىندى. يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارك گرېن، 2017-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلىشىگە قارشى چىققان NBA نىڭ خىتاي بازىرىنى دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مارك گرېن NBA «ئۇرۇشچى» كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ستىۋېن كېرنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىدە پرېزىدېنت ترامپنى تەنقىدلىگەنلىكى، لېكىن بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا خارلىنىشى ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئۈن چىقارمىغانلىقىنى تەكىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «NBA بىلەن كېرگە نىسبەتەن بۇ ئەيىبلىنىش ئەرزىيدۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئەخلاقسىزلىقىغا كۆز يۇمىدۇ. خىتايدىكى مۇسۇلمانلار جازالىنىپ، بىر مىليون ئادەم جازا لاگېرلىرىغا قالمالسا ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتسا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەخلاقىي جاسارەت نەدە قالدى؟» دەپ كۆرسەتتى.
مارك گرېننىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلار 8-ئەسىردە خىتاينى ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇپ قالمىغان بولسا، بۈگۈن خىتاي مەۋجۇت بولمىغان ياكى ئۇنىڭ تارىخى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولاتتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئەيىپلەشكە تېگىشلىك. ئەگەر ئۇيغۇرلار 8-ئەسىردە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ بۈگۈن مەۋجۇت بولمىغان ياكى تارىخى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسى ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭىدا ئاغدۇرۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تاڭ سۇلالىسىنىنىڭ چاڭئەن ۋە لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.»
يېقىندا ئامېرىكانىڭ تەنتەربىيە قانىلى ESPN، NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق بازىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى دائىم ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ۋە خىتاي مەشقاۋۇللىرىنىڭ خورلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبورن NBA غا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ پايدىنى دەپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. NBA نىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مارك تاتۇم بۇ يىل 21-ئىيۇل مارشا بلەكبورننىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق بازىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىگە بىر يىلدەك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
17-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «خىتاي ئارخىپى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى جېسىكا باتكې گۇۋاھلىق بېرىپ، NBA نىڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن قانچىلىك باغلىنىپ كەتكەنلىكىدەك جىددىي بىر مەسىلىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جېسىكا باتكې مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قانچىلىك زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىدەك جىددىي بىر سوالنى نامايان قىلدى. ئەلۋەتتە، بىز بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بىردىن-بىر دۆلەت ئەمەس. مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ ۋولكېسۋاگېن شىركىتى بۇنىڭ مىسالى، ۋولكېسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە زاۋۇتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نەچچە قېتىم بۇ رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان. قىسقىسى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندىكى قويۇق سودا ئالاقىسى ئۇلارنى سۈكۈتكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ.»
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق رېئاللىقنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ، ئۇنى مۇۋاپىق سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق. بىز ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رايوندىكى رېئاللىقنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
دولقۇن ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى بىردەك چەكلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ماقۇللاشنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن. لېكىن ھۆكۈمەت دۆلەت مەجلىسىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتى، دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماسكا، كىيىم-كېچەك ۋە پەمىدۇر قىياملىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»
يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد يۇخو خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكىلىكى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن مەھسۇلات سېتىۋالغان شىركەتلەرنىڭ تەنقىد قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تېد يۇھو مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداقلا بىز شىنجاڭدىن مەھسۇلات سېتىۋالىدىغان شىركەتلەرگە شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز نوقۇل دۆلەت مەجلىسىلا ئەمەس، ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە بارلىق غەرب دېموكراتىك دوۆلەتلىرىمۇ بۇ شىركەتلەرنى ئەيىبلىشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ماتورىنى خىتايدىن ئايرىۋېتىشى كېرەك.»
تېد يۇخو يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوراللىق جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئاياللارغا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى كۆرگەنلىكىنىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بۇ رايوننى خەلقئارانىڭ نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر دوكلاتتىكىلەر راست بولۇپ چىقسا، ئۇنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
تېد يۇخو مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز ئاسسۋىتىس ۋە گېرمانىيەدىكى باشقا ئۆلۈم لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن قىلمىشلارڭ ھەقىقەتەن قايتا يۈز بەرمەسلىكى كېرەكلىكىگە، بىز بۇنىڭغا بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدىلا ئەمەس، خەلقئارا جامائەت بولۇش سۈپىتىدىمۇ ئىشەنسەك، بىز بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز، خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئېچىۋېتىپ، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، ئەگەر دوكلاتتىكىلەر راست بىلسا، خىتاي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، بدت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېي ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇنىڭغا شەرت قوشۇپ، ئۇنىڭ رايوندىكى خالىغان جاينى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋەدىيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تۆۋەن كومىتېتى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ نازارەت ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەركىبىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تۆۋەن كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلدى. يىغىندا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭمۇ گۇۋاھلىق بەردى.
0:00 / 0:00