ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنيانى ئويغىتىشى لازىم!»
2023.03.24
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارال ئېلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ بۇ يېڭى قاباھەتنى توختىتىشقا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ ھالنىڭ دۇنياۋى بىرلىك ئېلىشتىن يىراق بولۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى تەرەققىياتلار بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ ھازىر بىر دۇنياۋى مەسىلىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدا يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر شاھىتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۈچ سائەتلىك مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.
ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە رامىزان ئېيى باشلىنىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار تۇنجى «قۇرئان» ئايەتلىرى نازىل بولغان خاسىيەتلىك ئاينى قۇتلۇقلاۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگىېرلىرىدىكى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىكنى تەكىتلەپ: «بۇ كومىتېتتا بىز قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى ئاز دېگەندىمۇ كەلگۈسى 50 يىلدا، يەنى شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىق 21-ئەسىردىكى بىر قاباھەتلىك مىسال تەرىقىسىدە ئەسلەنگەندە، ھېچقانداق بىر سىياسىيون ياكى مەبلەغ سالغۇچى ۋە ياكى بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پرېزىدېنتى پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ‹بىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىمىز بولماپتىكەن› دېمەسلىككە كېپىللىك قىلىش» دېدى. ئارقىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ شاھىتلىرىدىن ئېلى ۋېسېل (Elie Wiesel) نىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېسېل (Elisha Wiesel) نىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئەۋەتكەن ۋىدىيولوق سۆزىنى ئاڭلاتتى.
ئېلىشا ۋېسېل سۆزىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نۆۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۆز ۋاقتىدا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بېرىلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنى ھازىر مۇشۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى جىنايەت، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا خۇددى مەرھۇم دادىسى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەندەك «قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ ھال بىراۋنىڭ ئىرقى، دىنىي ئېتىقادى ياكى سىياسىي كۆز قارىشى سەۋەبلىك شۇنداق بولغاندا بۇنىڭغا تېخىمۇ سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. .
ئارقىدىن «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە مەلۇم بولغان تۈرلۈك ماددىي ئىسپاتلارنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رېئاللىقنىڭ ھازىر كۆلەم جەھەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ناۋادا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش زۆرۈر بولسا بۇ قاباھەتلىك رېئاللىققا ھېلىھەم بولسىمۇ يۈزلىنىشنىڭ ھەرگىزمۇ كېچىككەنلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىر كېچىدىلا «توككىدە» ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ نەچچە ئون يىللىق ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈشتىن كېيىن ئىجرا قىلىنغان زور قۇرۇلۇش. خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى بوغۇپ تاشلاش، مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش» دېگەندەك يېتەكچى ئىدىيەلەر بۇنى تولۇق دەلىللەپ بېرىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون ئادەم لاگېرغا قامالغان ھەمدە روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان؛ 500 مىڭ سەبىي ئائىلىسىدىن جۇدا قىلىنغان، مىڭلىغان ئونمىڭلىغان قىز-چوكانلار مەجبۇرىي يوسۇندا پەرزەنتلىك بولالماس قىلىۋېتىلگەن. سانسىزلىغان كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. نەتىجىدە ھازىر پاختا ۋە كۈنتاختا بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ قالغان. لاگېر تېشىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتلەق نازارەت مېخانىزمى ئاستىدىكى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق مىنۇتلاردا ئىسلام ئېتىقادى سەۋەبلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
ئارقىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىق سۆزگە چىقىپ ئۆز كەچمىشلىرىدىن قىسقىچە گۇۋاھلىق بەردى. تەرجىماننىڭ ياردىمىدە بايان قىلغان ئەھۋاللاردىن لاگېردا كۆرگەن ۋەھشىيلىكلەر، جۈملىدىن روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، يېمەك-ئىچمەكتىن قىيناش، نامەلۇم دورىلار، جىنسىي خورلۇق ۋە تاجاۋۇز قىلمىشلىرى، سىياسىي مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرى، تىل ۋە دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى، «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسەلەر ئىكەنلىكى قاتارلىقلار مەجلىس ئەھلىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئەزدى.
لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئاددىي، ئەمما تەسىرلىك بايانلىرى مەجلىس ئەھلىگە خىتاي كومپارتىيەسى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مەيلى كۆلەم مەيلى دەرىجە جەھەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېلىشمايدىغان قەبىھ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.
لاگېر شاھىتلىرىدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنز (Adrian Zenz)، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نىياۋمى كىكولېر (Naomi Kikoler) قاتارلىقلار سۆز ئالدى. شۇ قاتاردا نۇرى تۈركەل نۆۋەتتىكى رېئاللىق ھەققىدە توختىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بۇ ھەقتىكى تەدبىرلەرنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە باشقا قانۇنلارنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۇنياسىدىكى سودا ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلادىن مەنپەئەتلىنىش قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر بولۇپ قالغان. ئۇ، بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭ قانداقتۇر «مۇنازىرە تېمىسى ياكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر» ئەمەسلىكىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر جۈملىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان قىرغىنچىلىققا قارشى دەست تۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۈچۈن تاللاش ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ دۇنياغا يېيىلىۋاتقان بىر ئاپەت بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش ۋە توختىتىش ئۈچۈن 27 تۈرلۈك تەۋسىيەسىنى سۇندى.
دوكتۇر ئادريان زېنزمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەھدىت، دەپ قاراش چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى سۈنئىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئاستىلىتىش قىلمىشى، شۇنىڭدەك ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى مىليونلىغان ساندا ئازايتىش ئۇرۇنۇشىغا يول ئېچىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا تىپىك بولغان قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئىكەنلىكىنى سانلىق مەلۇماتلار ۋە باشقا ماددىي ئىسپاتلار ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە سۈرەتلەپ بەردى. ئۇ شۇ قاتاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە تەكلىپ سۇنۇپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باش جاۋابكارلىرى بولغان ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈش، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى، جۈملىدىن پېنسىيە فوندىنى پاي چېكى قىلىپ ئىشلىتىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
نىياۋمى خانىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار ئەينى ۋاقىتتا باشتىن كەچۈرگەن قىرغىنچىلىقتىن بەك چوڭ پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمتىى بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇش ۋە چەكلەشكە يالغۇز كېلىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا مۇئەسسەسەلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىشتا دۇنياۋى ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىم. .
گۇۋاھلىق يىغىنى جەريانىدا نۆۋەتتە يالغۇز لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى لاگېر تېشىدىكى ھەمدە ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقى، شۇ قاتاردا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى پاش قىلغۇچىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقى مەخسۇس تىلغا ئېلىندى. گۇۋاھلىق بېرىشتىن كېيىن كومىتېت ئەزالىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھچىلاردىن سوئاللار سورىدى. كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىنىڭ كۆپلۈكى، بولۇپمۇ كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ھالدا بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىغا تولۇق قاتناشقانلىقى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىم دەپ قارالغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. كۆپلىگەن سوئال-جاۋاب ۋە مۇھاكىمىلەردىن كېيىن يىغىن ساھىبىخانى بولغان «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمىلى بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك، دېگەن مەزمۇندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. .
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يەنە «تىك-توك» نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوۋ شوۋزى (Shou Zi Chew) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ ئامېرىكا سىياسيونلىرىنىڭ «تىك-توك» ھەققىدىكى كۆپلىگەن سوئاللرىىغا دۇچ كەلگەن. شۇ قاتاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «تىك-توك» قا بولغان كونتروللۇقى، «تىك-توك» نىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم سورالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى» ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان.