پېشقەدەم شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 82 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي رومانى ئىستانبۇلدا كاكنۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىندى.
نەچچە ئون يىللار خىتاينىڭ تۈرمە ۋە نەزەربەتنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، شۇندىمۇ ھەقەقەتنى سۆزلەش ۋە يېزىشتىن قىلچىمۇ يانمىغان، ئۇيغۇر خەلقىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىب»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» قاتارلىق قىممەتلىك تارىخىي رومانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن پىشقەقەدەم ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي رومانىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى كاكنۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
مەزكۇر رومان 2 بۆلۈم 571 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، روماندا يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ھاياتى ۋە قاراخانىلار دۆلىتى مەزگىلىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. روماننىڭ تەھرىرى ئىبراھىم بەجەر ئەپەندى روماننىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا روماننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «روماندا گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ھاياتى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىلىنمىگەن تەرەپلىرى كۆپ بولغان قاراخانىلار دەۋرىنىڭ تارىخىمۇ بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى، خەلقنىڭ ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى ۋە خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن».
كاكنۇس نەشرىياتىنىڭ باش تەھرىرى ئىبراھىم بەجەر ئەپەندى روماننىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىدا يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بۇ خىل كىتابلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرگەن كاكنۇس نەشرىياتى بۇ كىتابنى نەشر قىلىش ئارقىلىق زېممىسىگە چۈشكەن تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. نەشرىياتىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىشقا بىرئاز تۆھپە قوشالىغان بولساق، ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھېس قىلىمىز.»
كاكنۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ روماننىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن 5 يىل ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «روماننى بىز نەشىرگە تەييارلىدۇق. مەزكۇر كىتاب 5 يىللىق ئەمگىكىمىزنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىز نەشىر قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابلارنى ئۇيغۇر تۈركچىسىدىن تۈركچىگە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم تەرجىمە قىلدى. بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرچىدىن كىتاب تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشنى داۋام قىلىمىز.»
بىز كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەرھۇم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەدە 1990-يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان» ناملىق تارىخىي رومانى نەشىر قىلىنغان ئىدى. 2010-يىلى بولسا پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇت كاشغەرى» ناملىق تارىخىي رومانىنىمۇ زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى. بۇ يىل 1-ئايدا پىشقەقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كەرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي روماننى زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم بۇ روماننىڭ تەرجىمە قىلىنىش ۋە نەشىرگە تەييارلىنىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
زەينۇرە خانىم ئۆزى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ۋە «مەھمۇت كاشغەرى» ناملىق رومانلارنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ 5 تارىخىي رومانىنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئەمگەكلەرنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى، بۇ خىل تارىخىي رومانلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي تۇيغۇ بىلەن تەربىيۇەلەشتە زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھاجى مىرزاھىت كېرىمى 1959-يىلى يىگىرمە ياش ۋاقتىدا «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرى تۈپەيلى خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان، 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ يەنە ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان. ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېشى 80 گە يېقىنلاشقان يىللاردىمۇ ھەقنى سۆزلەش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن يانمىغان ئىدى. ئۇ 2017-يىلى يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب»، «جۇدالىق»، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» ۋە «مىرزا ئابابەكرى» قاتارلىق 7 توملۇق 5 تارىخىي رومانىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.