ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆرگەزمىلىك تەسۋىرى: «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.11
Hemmeylen-Ketip-Qaldi-1 گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمەدىن كۆرۈنۈشلەر. بېرلىن، 2022-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە لاگېر سىستېمىسى ھەققىدە تاشقىي دۇنيا ھازىرغا قەدەر مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەرىپلەۋاتقان كەڭ مۇھىتتىكى «لاگېرغا قامالمىغان» ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى كۆپىنچە ھالدا دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمە ئەنە شۇ بوشلۇقنى جانلىق تولدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قاباھەتنى بىۋاستە ھىس قىلدۇردى.

بۇ قېتمقى پائالىيەت يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقايسى جايلاردا تەشكىللەنگەن ئاۋامنى تەربىيەلەش مەزمۇنىدىكى پائالىيەتلەردىن ئۆزگىچە شەكىلدە تەييارلانغان بولۇپ، «ئورۋېلچە شەكىل ئالغان جەمئىيەت» تىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «قايتا تەربىيەلەش» دېگەن ئىبارە بىلەن نىقاپلانغان سىياسىي مېڭە يۇيۇشنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەقلىدىي سەنئەت ھەركىتى شەكلىدە نامەيەن قىلىپ بەرگەن بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىلىك پائالىيەتنى لايىھەلىگۈچى ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتۇر مۇقەددەس مىجىت بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇنىڭ روياپقا چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرلىندىكى بۇ پائالىيەتنىڭ تېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان جىن بۇنىن (Gene Bunin) نىڭ شۇ نامدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭدا بىر ياقتىن ئۈن-تىۋىشسىز غايىب بولۇپ كېتىۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەر ئىشارە قىلىنسا، يەنە بىر ياقتىن لاگېرغا بارمىغان كىشىلەرنىڭ ئالىقاچان روھىي جەھەتتىن ئوبدانلا «كېتىپ قېلىۋاتقانلىقى» ئەكس ئەتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى، «خىتاي ئارخىپلىرى» تورىنىڭ مۇھەررىرى جېسسىكا باتكى (Jessica Batke) بۇنىڭ باشقا پائالىيەتلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچىلىكى دەل ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ئىپادىلەش شەكلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمەدىن كۆرۈنۈشلەر. بېرلىن، 2022-يىلى ئاۋغۇست.

«پۈتۈن كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي چىقىش نۇقتىسى بۇنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىش ئىدى. چۈنكى سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار، بىز ھەممىمىز ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئىشلاردىن ۋايىم يەپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتە ئوخشاش بولمىغان تاماشىبىنلارغا ئاشۇ رېئاللىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى كۆزلىدۇق. شۇنداق بولغاندا گېزىت خەۋەرلىرىدىن بۇ ئىشلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرمىگەنلەر بۇنى ئوڭايلا چۈشىنەلەيدۇ. بىز يەنە بۇ ئىشلارنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يازما تېكىست شەكلىدە خەۋەر بېرىشىدەك ئۇسلۇپتا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدى بىلەن بىۋاستە باشتىن كەچۈرۈشى ئارقىلىق ھېس قىلىشىنى ئىستىدۇق. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە مەۋجۇت بولغان مۇھىتتا ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىجازىتى ياكى كونتروللۇقى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە، بۇنىڭ قانداق روھىي ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇردۇق. شۇڭا بىز بۇ كۆرگەزمىدە كىشىلەرگە ئۇلار بىرەر گېزىت خەۋىرىنى ئوقۇغان ياكى بىرەر رادىيو پروگراممىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەلۇم بىر چۈشەنچىنى ھېس قىلىدىغان ھالەتنى ئۆزگىچە بولغان بىۋاستە شەكىلدە ھىس قىلدۇردۇق.»

بۇ پائالىيەتتە ئومۇملاشقان شەكىلدە بىر تۈركۈم كىشىلەر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىش، تاماشىبىنلار تۆۋەندە «ئويۇن كۆرۈش» ئۇسلۇبى قوللىنىلمىغان. ئەكسىچە تاماشىبىنلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەر پائالىيەتكە تەڭ ئىشتىراك قىلغان. بۇ ھەقتە مۇقەددەس ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

پائالىيەتتە يەنە «ئوقۇتقۇچى»، «نازارەتچى» دېگەنلەرنىڭ رولىنى ئالغانلار تاماشىبىنلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى شەخسلەر قاتارىدا كومپارتىيەنى مەدھىيەلەش، «قىزىل ناخشا» ئېيتىش، ئاشكارا توۋا قىلىش، خىتاي دۆلىتىدىن مىننەتدار بولۇش، ياغلىق-دوپپىلىرىنى ئېلىپ تاشلاش دېگەندەك ئومۇملاشقان سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشقا يېتەكلىگەن. سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى، تۇغۇت چەكلەش تەشۋىقاتى، بايراق چىقىرىشقا بولغان «رازىمەنلىك» قاتارلىقلار نەق مەيدان شەكلىدە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى باسقۇچتا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «مېڭە يۇيۇش» تېخىمۇ جانلىق نامايەن قىلىپ بېرىلگەن. بۇ ھەقتە مۇقەددەس بۇنىڭدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمەدىن كۆرۈنۈشلەر. بېرلىن، 2022-يىلى ئاۋغۇست.

كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا جامائەتكە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق فىلىملىرى، شەخسلەرنىڭ كەچمىشلىرى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتا ئۆزلىرى بىۋاستە ئورۇنلىغان «ماھارەت» لەرنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغان. بۇ خىلدىكى «نەق مەيدان» شەكلىنى ئالغان كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋى تەسىرى قانداق بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، جېسسىكا باتكى بۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئۈنۈمى بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ:

«ئەگەر بىراۋ مەندىن ‹بۇ پائالىيەت ئارقىلىق دۇنيا تەۋرەپ كەتتىمۇ؟› دېگەندەك سوئالغا جاۋاپ ئىستىسە، مەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما سىزگە ئېيتسام، بىز بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن كىشىلەردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىساقلا بۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلالايمىز. بىزگە بۇ ھەقتە ئېلخەت ياكى مەكتۇپ شەكلىدە كۆپلەپ ئىنكاس پىكىرلىرى كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەچچە كۈنلەپ ئاشۇ مۇدھىش مەنزىرىنىڭ ئۆز خاتىرىسىدە قالغان ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. مەن ئۈچۈن بولسا مۇشۇ ئىنكاسلارنىڭ ئۆزى كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان ئۇچۇرنى ئۆزگىچە شەكىلدە يەتكۈزۈش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كىشىلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر تونۇشلۇقى بولغان بىرەر ساھەگە مەنسۇپ نەرسىلەرنى ئوقۇسا، بۇنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن بولسا ‹ۋاي توۋا، ئىشلار ئەسلىدە بۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەن ئەمەسمۇ؟› دەپ ئويلايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، بىز بۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى، دېيەلەيمىز. ئەمما ئاددىيلا قىلىپ ‹بۇ پائالىيەت مۇنچىلىك ئادەمنىڭ مۇنچىلىك ئىشنى قىلىۋېتىشىگە سەۋەب بولدى› دېگەن شەكىلدە جاۋاب بېرىشكە مەن ئاجىزمەن.»

بۇ ھەقتە مۇقەددەسمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسانغا خاس روھىيەت دۇنياسىنى قىسقىغىنە ۋاقىتتا ۋەيران قىلىۋېتىشنىڭ مۇمكىنلىكى ئ‍ۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ زور پاجىئەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان «ھەممەيلەن كېتىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمەدىن كۆرۈنۈشلەر. بېرلىن، 2022-يىلى ئاۋغۇست.

بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان تور بېتى https://www.everybodyisgone.org  ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بۇ رايوندىكى خۇسۇسىي كەچمىشلەر ۋە شاھىدلارنىڭ بايانلىرى، قوشۇمچە ئوقۇشلۇقلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىرىزىسلار ھەققىدە دۇنياۋىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان يازما ماتېرىياللارنىڭ مۇكەممەل توپلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنى ھەققىدىكى جانلىق ئۇچۇر دەرسخانىسى بولۇپ قالماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ كۆرگەزمىلىك پائالىيەتنى باشقا جايلاردىمۇ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىلاجىنى قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.