ئولسى يازېجى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئالبانىيەلىك ژۇرنالىست ئولسى يازېجى ئۆزىنىڭ لاگېرلاردا كۆرگەنلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى.
ئولسىنىڭ ۋىدىيولۇق بايانلىرىدا لاگېرلاردىكى نورمالسىز كۆرۈنۈشلەر، شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادەتلىرى ئۈچۈن لاگېرلارغا قامىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللارنى پاش قىلىپ «لاگېرلاردىكى بۇ ئىنسانلار دوۋزاقنىڭ ئۆزىدە ياشاۋېتىپتۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئولسى يازېجىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
ياش تىجارەتچى شاھىمەردان لاگېردىن چىقىپلا جان ئۈزگەن
ئۈرۈمچىدىكى 38 ياشلىق تىجارەتچى شاھىمەردان پەرھات 2018-يىلى 8-ئاۋغۇستتا نىمجان ھالدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە جان ئۈزگەن.
ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە دوللارچىلىق قىلىپ كەلگەن شاھىمەردان ئۆزىنىڭ تەقۋالىقى ۋە جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن خەيرى-ساخاۋەت قىلىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ياشلاردىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم ۋاپات بولغاندا «مېڭىسىگە سۇ چۈشكەن» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر قىلىپ بۇنىڭ توك بىلەن قىينىغاندا يۈز بېرىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
غۇلجىدىكى ئەر-ئايال پېنسيونېرلار چەتئەل سەپىرى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
غۇلجا ئېلېكتر ئىستانسىسىغا 30 نەچچە يىلدىن خىزمەت قىلىپ پېنسىيىگە چىققان تۇراخۇن جورىباي ۋە ئۇنىڭ ئايالى شادىيە زاكىر 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەر-ئاياللار قانۇنلۇق پاسپورت ئارقىلىق 2014-ۋە 2015-يىللىرى گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ بىرنەچچە قېتىملىق چەتئەل سەپىرى لاگېرغا كېتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
يېقىندا تۇراخۇن جورىباينىڭ سەككىز يىللىق، شادىيە زاكىرنىڭ يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانا لاگېرغا قامالغان
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن شەمشىقەمەر ئانىنىڭ ئەھۋالىدىن يەنە بىر قېتىم مەلۇم بولدى.
گېرمانىيەدىكى ئادىلە غېنى قاتارلىق ئۈچ ئاچا-سىڭىل يېقىندا تېلېۋىزىيىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى 72 ياشلىق مومىسى شەمشىقەمەرنىڭ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
شەمشىقەمەر ئانا تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ لاگېرغا بارغۇدەك ھېچقانداق ئىشى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشماقتا
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، يېقىندا تۆتىنچى ئوقۇش يىلىنى غەلىبىلىك باشلىدى.
مەزكۇر مەكتەپ ئەنگلىيەدىكى «ئاگاخان فوندى» نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئالتە ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان ئەللىك نەچچە ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى بويىچە مۇنتىزىم تەربىيىلەپ چىقتى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بارلىق مەزمۇنلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقاندا مەزكۇر مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش تىرىشچانلىقى زور ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.
ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
31-ئاۋغۇست كۈنى ئەنقەرەدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-ئوقۇش يىلىنى غەلىبىلىك پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە بىر قاتار نومۇرلارنى ئورۇنلاپ كۆپچىلىكنى خۇرسەن قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئانا تىل كۇرسلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئانا تىل سۆيگۈسى، ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ھەققىدە ئەمەلىي ۋە جانلىق تەربىيە بېرىشكە بولىدىكەن.