ھەپتىلىك خەۋەرلەر(1-8-ئىيۇل )
2005.07.08
رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان بىر ئامېرىكىلىقنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، چەتئەللىكلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەنە يازلىق ھاشارغا تۇتۇلدى
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەلۇم پۇقرالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان دېھقانلارنى كەلكۈنگە قارشى ئۆستەڭ چېپىش، يول ياساش قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىشقا باشلىغان. پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلار ھاشارغا كېتىدىغان ئەمگەك قوراللىرى، يىمەك-ئىچمەك، يوتقان-كۆرپە ۋە يول ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى كۆتۈرىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2005-يىلىدىن باشلاپ ھاشار ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق، بۇ خىل دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق بولغان بىكارلىق ئەمگەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى داۋاملىق قىينىماقتا.
ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا نېفىت ئاققۇزۇش باشلىنىدۇ
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىدا بۇ يىل 16-دېكابىردىن باشلاپ نېفىت ئېقىتىلىش باشلىنىدىكەن.
بۇ خەۋەر خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، نازارابايېۋ بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋاقتىدا مەيدانغا چىققان بولۇپ، 1000 كىلومېتىر كېلىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا يىلىغا ئون مىليون توننا نېفىت توشۇلۇش پەرەز قىلىنماقتا.
بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان داچىڭ-ئانگارسىكىي تۇرۇبا قۇرۇلۇش لايىھىسى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بىر قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن.
مۇھەممەد سالىھ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىدى
ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۆكتىچى رەھبىرى مۇھەممەد سالىھ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت شۇنىڭدەك خەلقارا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەن شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مىللەت دەپ كۆرسىتىش بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىد ئىكەنلىكىنى شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆز بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئېتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.
" ئەرك" پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەد سالىھ ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشكەن بولۇپ، كېيىن كەرىموپ تەرىپىدىن ھەيدىۋېتىلگەن. ئۇ ھازىرغىچە چەتئەلدە مۇھاجىرلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى
5-ئىيۇل كۈنى قازاقىستان پايتەخى ئاستانادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى بىرىنچىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىراننىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان بولسا، ئىككىنچىدىن يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئاستانا خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چەتئەل قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنى بېكىتىشكە چاقىرىق قىلىندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل ئاشكارە خىتاپ قىلىشى بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ دەرھال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى شۇنىڭدەك خەلقارا مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىلىرىنى بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھەربىي بازا قۇرۇشنىڭ مەزكۇر تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئەمما، 8-ئىيۇل كۈنى ئۆزبېكىستان تەرەپ ئەگەردە ئامېرىكىنىڭ خان ئابادتىكى ھەربىي بازىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىنى تۆلىسە ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقارماقچى بولغان.
كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا باشلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغان غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان كۈچكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە كونا تېما تېررورىزم ، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
لوندوندا پارتلاش بولدى
پەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ئۈچ يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسى ۋە بىر ئاپتوبۇس پارتلاپ، كەم دېگەندە 50 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ قېتىمقى پارتلاش ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى لوندوندا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەقە بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئەنگىلىيە خەلقى 2012-يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرگەنلىك غەلىبىسىنى تەبرىكلەۋاتاتتى شۇنىڭدەك يەنە 8 سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ يىغىنى بولۇۋاتاتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايەر نۇتۇق سۆزلەپ، تېررورچىلارنى ئەيىبلىدى.
لوندون ۋەقەسى خەلقارانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەررورىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر(25-ئىيۇن-1-ئىيۇل )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-24- ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-17 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-10-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21 - 27 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 14-20 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30- ئاپرىل 6-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 23-29- ئاپرىل)