ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25-31- دېكابىر)


2004.12.31

ئامېرىكا ئۇيغۇرلار بىرلەشمىسى يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى 31- دېكابىر كۈنى كەچتە پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى بىر مېھمانخانىغا جەم بولۇپ، 2005-يىلىنى كۈتۈۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ساھىپ خانى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئۆزىنىڭ 2004-يىللىق خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى ھەمدە جامائەتنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلىدى.

تۈركىيىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

23-دېكابىر كۈنى تۈركىيىدىكى كوجا ئېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى" تېمىسىدا دوكلات بەردى. يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ھەسرەت چوماق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 30-دېكبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەدلىيە-قانۇنچىلىق يىغىنىدا سۆز قىلغان كوم پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ئەدلىيە خادىملىرىدىن خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى يۇمشىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى شۇنىڭ بىلەن بىللە "ئۈچ خىل كۈچلەر " گە ئاكتىپ زەربە بېرىش، باش كۆتەرگەن ھامان باستۇرۇش ۋە ئالدىن كونترول قىلىشتىن ئىبارەت قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى بوشاشتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ سۆزىگە نىسبەتەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىنكاس قايتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ سۆزىنىڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا بولغان قىزىقىشى ئۆسمەكتە

ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مىللىي ناخشىلىرى چەتئەل سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ قىزىقىشلىرىنى ئالاھىدە قوزغىماقتا. تۈركىيىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھېسابلىنىدىغان TRT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت رېجىسورى، تۈركىي مىللەتلەر سەنئەت تەتقىقاتچىسى بېينامىن ئاقسىڭگىر ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ئىكەن. ئاق سىڭگىر ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئېيتىدىكەن.

سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتى

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى شۇكى، ھىندى ئوكيان بويىغا جايلاشقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھىندىستان، ھىندونېزىيە، تايلاند، سىرىلانكا، سومالىي قاتارلىق 10 دۆلەت سۇنامى دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى بىر قانچە مىليون كىشى ئۆي ماكانسىز قالدى. بۇ يېقىنقى 40 يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتلەرنىڭ بىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئاپەت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقارا مىقيادا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئامېرىكا دەسلەپكى قەدەمدە 35 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دەسلەپتە 2 مىليون دوللار ئەتراپىدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، نەتىجىدە 60 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم بېرىدىغانلىقى جاكارلىدى. بۇ قېتىم يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ زور مىقداردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ "ئاق تاشلىق كىتابى" ئېلان قىلىندى

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي "دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى "نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى چەكلەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ يادرولۇق سىياسىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتابتا يەنە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىلەشتۈرىۋەتكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكىمۇ ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۆلىن پوۋېل بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:" مەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىز بۇ ھادىسىلەرنى دىققەت بىلەن كۈزۈتىۋاتىمىز شۇنداقلا خىتاي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بەكمۇ جىددى ۋە ئەندىشە يارىتىدىغان ئەھۋال دەپ قارىمايمىز"

گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى چوڭ توقۇنۇش

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 25-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى، دوڭگۇن ناھىيىسىنىڭ دالىياڭ كەنتىدە كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن.50 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئىشچى بىر نەپەر خۇنەنلىك ئىشچىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى تۆلەم مەسىلىسىدە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان بۇ توقۇنۇشتا ساقچىلارغا كېسەك ۋە تاشلار بىلەن تاقابىل تۇرغان. ئۇلار تۆت ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.