ئىستانبۇلدا شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر شېئىرلىرى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

دوكتور تېرانا تۇران رەھىملى مەخسۇس ماقالە ئوقۇپ، ئابدۇشۈكۈر قۇمتۇرنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ۋەتەن، مىللىي ئەسلىمە ۋە كىملىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

7-نويابىر، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى» تېمىسىدا ئەدەبىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئەزەربەيجان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور تېرانا تۇران رەھىملى Təranə Turan Rəhimliمەخسۇس ماقالە ئوقۇپ، ئابدۇشۈكۈر قۇمتۇرنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ۋەتەن، مىللىي ئەسلىمە ۋە كىملىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ شېئىرلاردا ئەكس ئەتكەن ۋەتەن سۆيگۈسى، مۇھاجىرەت ئىزتىراپى ۋە تەنھالىق تۇيغۇلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تونۇلغان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر كۇچا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2003-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ”كېچە“، ”مېنىڭ ئىسمىم ۋە قارا ئوت“، ”بېدە گۈلى“، ”سەرسان تۇيغۇلار“، ”جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى“ قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ئۇيغۇرچە، شىۋىتچە ۋە تۈركچە نەشىر قىلىنغان.

رەھىملى خانىم پائالىيەت ھەققىدىكى يازمىسىدا، بۇ پائالىيەتكە ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى مەھمۇت بىيىكلى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى، پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئافشار، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ۋە پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن باشقا كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن دوكتور گۈلزادە خانىم، قاھار ۋە رۇستەم قاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلق ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىدى.