ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-18- فېۋرال)
2005.02.18
ئۇچتۇرپاندا يەر تەۋرىدى
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غەربىدىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئاۋات، ئىماملىرىم، ياكۆۋرۈك قاتارلىق يېزىلىرىدا سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 يېرىملار ئەتراپىدا 6.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.
بۇ تەۋرەشتە ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي چىقىم خېلى ئېغىر بولغان. چۈنكى، خېلى كۆپ ساندىكى ئۆيلەر ئۆرۈلگەن ۋە چاك كەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 28 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، ئىقتىسادىي چىقىم 30 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن. يەر تەۋرەش تېخى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن دېھقانلار ئۆيلىرىگە كىرەلمەي، قاتتىق سوغۇق ۋە قارغا قارىماستىن ،تالادا يېتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ۋە چاك كەتكەنلەر تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا قالغان. گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ، پارتىيە ۋە بىڭتۇئاننىڭ شۇنىڭدەك خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرىشىچە؛ ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرىگەن كۈنلەردىن بۇيان يېتەرلىك ياردەمگە ھەم غەمخورلۇقلارغا ئېرىشەلمىگەن.
يېڭى ئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر خىتاي خادىم، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، ھەممىگە چېدىر يەتكۈزىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرىشىچە ئۇلار تېخى بۇنداق ياردەملەرنى كۆرمىگەن ھەمدە سوغۇق ۋە قاردا تالادا يېتىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
ئاپەت رايونى ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا مەسۇل بىر خىتاي خادىمىمۇ ئاران 300 نەچچە چېدىر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق بولغانلىقى بىلەن ھەممىگە چېدىر يەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ يېنىغا خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 1- دىۋىزىيە 4- پولكى جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان مەزكۇر پولكتىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە كىرىمى ئەتراپتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ ياخشى ھەم پۇختا سەلىنغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەن ئىكەن. مۇنداق دېدى؛
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 180 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ٪ 97 تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدۇر. بۇ يېزا ۋە مەزكۇر ناھىيە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىم ئاشلىق ئامبىرى بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ناھىيىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سانالغان. يېڭى ئاۋات ۋە ئىماملىرىم يېزىلىرى تېخىمۇ كەمبەغەل جايلار ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىزلەتمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش شۇنداقلا نېفىت –خېمىيە سانائىتىگە 27 مىليارد يۈئان مەبلەغ سالىدىكەن.
مايتاغدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھازىرقى يىللىق نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 6 مىليون توننا بولۇپ، 2008-يىلىغىچە 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈش پىلانلانغان.
مىللىي قەھرىمان رىزۋانگۈل خاتىرلەندى
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 15-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە 1944-1949-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرى رىزۋانگۈل ھاشىمنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
19 ياشلىق رىزۋانگۈل 1945-يىل ،1-ئايدا غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە قارشى قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلغان. ئۇ بىر شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئوق تېگىپ شېھىد بولغان ئىدى.
رىزۋانگۈل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تارىخقا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، مەرتلىكى ھەققىدە ئۇيغۇر شائىرلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە سەن`ئەتكارلىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. 1950-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئارتىسى، ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروپ، رىزۋانگۈل" ناملىق سىمپونىيە يازغان. بۇ ئەسەر موسكۋادا ئورۇنلۇنۇپ، ئۇنىڭغا دۆلەت مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىدى. رىزۋانگۈل ھەققىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن قاسىمجان قەمبىرى، زۇنون قادىرى، قادىر ھەسەنوپ قاتارلىقلار نادىر شېئىرلارنى ۋە ئوچېركلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىد ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا 16-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزىلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوس خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسىيادىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا تەھدىد سالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.ئۇ ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر تەھدىد يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېشىپ بارغان خىتايلار خەلقارا سەھنىدىكى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، خەلقارا چوڭ مەسىلىلەردىكى سۆز قىلىش ھەققىنى، تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇنداقلا ئاتالمىش ئامېرىكىنىڭ تەقىبى ۋە قورشاۋىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا".
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ "بىر جۇڭگو"پىرىنسىپىدىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ مەسىلىلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قاراشلىرىنى ۋە مەيدانىنى ئىنكار قىلدى.
لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رەفىق خەرىرى ئۆلتۈرۈلدى
ئۆتكەن ھەپتىدە لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رەفىق خەرىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ، سۈرىيىنى لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا دەۋەت قىلدى ھەم ئامېرىكا تەرەپ سۈرىيىگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.چۈنكى سۈرىيە لىۋاندا ئەسكەر تۇرۇغۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىران دائىرىلىرى بىلەن سۈرىيە دائىرىلىرى بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
دالاي لاما رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
دالاي-لامانىڭ يەنە بىر قېتىم رۇسىيىنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. رۇسىيىدىكى قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بۇ ئەھۋالدىن ئۇچۇر بەرگەن. تېخى يېقىندىلا دالاي-لاما قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ تۇۋا ۋە بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلماقچى ئىكەن. تىبەت روھانى داھىسىنىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە ئايلانغان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-11-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - يانۋار - 4-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-28 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-14يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1-7- يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25-31- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 11-17- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4- 10دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- 19 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-12 نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5- نويابىرغىچە)