ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-12- مارت)خەلقارا خەۋەرلەر


2005.03.11

ئۈرۈمچىدىكى قاسساپلار ئىش تاشلىدى

ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۈرۈمچى خەۋەر تورلىرىدىن پەيشەنبە كۈنى بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە 9 –مارت بىر كۈن ئىچىدە قوي ۋە كالا گۆشىنىڭ باھاسى 70-80٪ ئەتراپىدا ئۆرلەپ، بىر كىلو قوي گۆشىنىڭ باھاسى 15 يۈەندىن 22 يۈەنگە، كالا گۆشىنىڭ باھاسى 16 يۈەندىن 22 يۈەنگە چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇالىڭ، تيەنيىڭ قاتارلىق ئۈچ چوڭ قۇشخانىنىڭ ھەممىسىدە ئەتىگەن سائەت 10 لاردىلا گۆش قالمىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باج ئورگانلىرى قۇشخانا باجلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك چىقىملىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قاسساپلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىغان.

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قۇشخانىسىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، 3000 دىن ئارتۇق قاسساپ تارقاپ كەتكەن ئىدى.

بىر مىليون 500 دىن ئارتۇق ئادەم تېخى تېلېۋىزور كۆرەلمەيدۇ

خىتاينىڭ رەسمى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلېۋىزىيە خىزمەت يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق نامرات يېزا ئاھالىسى تېلېۋىزور كۆرەلمەيدىكەن ۋە رادىئو ئاڭلىيالمايدىكەن.

ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەن.

خىتاي قازاقىستان-خىتاي چېگرىسىدا خەلقارا شەھەر قۇرماقچى

ئۆتكەن ھەپتىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-قازاقىستان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ چېگرىسىدىكى قورغاس ئەتراپىدا خەلقارالىق سودا شەھەرچىسى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق چېگرا سودا بازىرى ئېچىشنى مەسسەد قىلغان ھەمكارلىق مەسىلىسى قازاقىستان ۋە خىتاي ئارىسىدا ئىلگىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

خەلقارا خەۋەرلەر

جياڭ زېمىن ۋەزىپىسىدىن قالدى

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

بۇ جياڭ زېمىننىڭ سىياسىي سەھنىدىن رەسمى چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. جياڭ زېمىن 1989-يىلىدىن ئېتىبارەن 15 يىل خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھوقۇقىنى تۇتقان ئىدى.

چەتئەللەردىكى فالۇڭگوڭ مۇرتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتىيىچىلىرى ئۇنى فالۇڭگوڭچىلارنى قىرغىن قىلىش ، دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلەپ، سوتلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان .

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىكى خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشەك قارشى قانۇنى"نى ئەيىبلىدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى "دۆلەتنى پارچىلاش قانۇنى"نىڭ خىتاينىڭ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەيۋەڭە ھۇجۇم قىلىشقا ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەيۋەن تەرەپمۇ "يۈتۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش" قانۇنى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكتىلەپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئامېرىكا خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى"نى چىقىرىشنى قايتا ئويلۇشۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇنى رەت قىلدى.

چېچەنىستان رەھبىرى ئارىسلان مەشەدوپ ئۆلتۈرۈلدى

8-مارت كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى مۇستەقىلچى چېچەن رەھبىرى، چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئارىسلان مەشەدوپنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

10-مارت كۈنى چېچەنلەر مەشەدوپنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ۋە چېچەنىستان شەرىيەت سوتىنىڭ باشلىقى ئابدۇل خەلىل سەيدۇللايېۋنى تەيىنلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ رۇسىيىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بولسا رۇسىيىنىڭ چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، پولشا ھۆكۈمىتى "مەشەدوپنىڭ ئۆلتۈرۈشنى بىر سىياسىي دۆتلۈك ھەمدە زور خاتالىق "دەپ بىلدۈرگەن . چۈنكى، مەشەدوپ چېچەن مۇستەقىلچىلىرى ئىچىدىكى مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى بولۇپ، ئۇ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.