ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-مارت)

خەلقئارالىق 7 تەشكىلات خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى ئەيىبلىگەن باياناتىنى رەت قىلدى

خەلقئارالىق يەتتە تەشكىلات خىتاينى تەنقىد قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى. خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق سارىيى فوندى، تىنچلىق ۋە ئادالەت تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 7 خەلقئارا تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىك ئورنىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ياۋروپا پارلامەنتىدىن خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

"تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتە، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. رابىيە خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ پرىنسىپلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتىن پەخىرلىنىمىز "

دېموكراتىيە تەربىيىسى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللىرى رادىئومىزدا زىيارەتتە بولدى

باش شىتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن باشقا يەنە قازاقىستان، شۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قىسىم ئايال ۋەكىللەر قاتناشتى. يىغىندا رابىيە قادىر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەربابلىرى دېموكراتىيە بىلىملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى يەنە كۆپەيدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 ‏- مارت كۈنى ئاسىيالىق مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىشىپ ئاسىيا قىتئەسىدە كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ئەيدىز ئاپىتىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا چاقىردى.

ستاتىستىكلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاسىيادا بايقالغان ئەيدىز بىمارلىرى سەككىز مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە 6936 نەپەر ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 2051 نەپەر ئاشقان. ئەيدىز نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە تېز سۈرەتتە كۆپەيمەكتە.

شەرقى خىتايدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 ‏- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي خىتايدا مىڭلىغان ئامما ئۆز يېزىسىنىڭ شەھەرگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار بولغان. بۇ توقۇنۇش جاڭ شى ئۆلكىسىنىڭ گۇيشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشچىلارنىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، لېكىن باشقا ئۇچۇرلار 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. توقۇنۇش جەريانىدا 40 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 ‏- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار باش قوماندانى پېتېر پەيس، خىتاينىڭ ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن. ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشىڭ ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ھەم تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ سەيشەنبە كۈنى، پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ ئەرەب دېڭىزىغا ئېچىلغان قىرغىقىدا خىتاينىڭ پۇلى ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن ياسالغان گۇۋادار پورتىنى خىزمەتكە ئاچتى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە گۇۋادار پورتىنى، خىتاينىڭ مول نېفىت مەنبەسىگە ئىگە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئېچىلغان تۇنجى دەرۋازىسى ھەم ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىش ئېغىزى دەپ قارىماقتا. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇش پىلانىنى باشلىغان بولۇپ، ئەگەردە بۇ يول پۈتسە خىتاي گۇۋادار پورتى ئارقىلىق ئېرىشكەن نېفىتلەرنى بۇ تۆمۈر يول بىلەن خىتايغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوف ئىسىم فامىلىنى ئىسلاھات قىلماقچى

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوف ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنغان بىر يىغىندا "مەن ئىسمىمنىڭ ئاخىرىدىكى رۇس ئەنئەنسى بويىچە قوللانغان - "ئوۋ دېگەن قوشۇمچىنى ئېلىپ تاشلايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ ئىسمىم ئىمام ئەلى راخمان دەپ ئاتىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان.

بۇ ۋەقە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر يېڭىلىق بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھەممىسى رۇسچە فامىلە قوللىنىش ئادىتى بويىچە ئەرلەر "ئوۋ، يېۋ"، ئاياللار "يەۋا"، "ئوۋا" قوشۇمچىلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىقىلغان دەسلەپكى چاغلاردا بۇ قوشۇمچىلارنى ئېلىۋېتىش پىكىرلىرى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. 60-يىللارغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بۇ ئادەت قوللىنىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)