ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-يانۋاردىن 20-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.20
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA


1. ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىدا 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل تۇتۇلدى

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش رايونىدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوف 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت 23:40 دە ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرتتىكى بىر بىنادا تىرىك تۇتۇلغان.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن 17-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوفنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغانلىقى، ئافغانىستاندا تەلىم ئالغانلىقى، ئۇنىڭ سوراق جەريانىدا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بارماق ئىزىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەمدە مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ دائىش نامىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.

2. «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم. مەتسىدىق ئۇرايىم ئىسىملىك بۇ مەھبۇس ھازىر ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە ئۆمۈرلۈك جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

كېرىيەدىكى بىر يەرلىك كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009 يىلى ئەمدىلا 18 ياشقا تولغان مەتسىدىق ئۇرايىم ئۈرۈمچىگە ئىشلەمچىلىككە كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي «5-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلىغان. ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغان مەتسىدىق «ئاپتوبۇس ئۆرۈشكە قاتناشقان» دەپ ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى بۇ تۈردىكى ناھەق دىلولارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

3. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىندى

بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا توپ-توغرا 3 يىل بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھام، خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تىۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئەنۋەرجان ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 2017-يىلى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

4. ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىدىن چارچاپ ئۆلۈش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتىكەن

ئۆتكەن يىلى 28-دېكابىر كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ پەقۇلئاددە جىددىيلىشىپ، 24 سائەتلىك چارلاشنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە ساقچى ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ياكى يىقىلىپ قېلىش ۋەقەلىرى بورتالا، قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەندە ساقچىلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ۋەقەسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلمەكتىكەن.

رادىيومىزنىڭ يەرلىك ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، يېقىندا خوتەن خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى سەمەت ئابدۇكېرىم، گۇما ناھىيەسىدىكى ئالاھىدە ساقچى خادىمى يۈسۈپ قۇرباننىياز، يوپۇرغا ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى ئابلىكىم قاتارلىقلار خىزمەت بېسىمى تۈپەيلى چارچاپ ئۆلگەن ئىكەن.

5. شاھىتلارنىڭ «ھېكايىلىرى» ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللىق «ھىجرەت» قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتە

2013-يىلىدىن 2015-يىلىغا قەدەر بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىى ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىقىشى ۋە بۇ يەردىكى بىرقانچە يىللىق تۇتقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىشى ھېلىھەم دۇنيا جامائىتىگە بىر سوئال بولۇپ تۇيۇلماقتا.

ئۇنداقتا، مۇساپىرەت مۇشەققەتلىرىنى يەتكىچە تارتقان بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىگە قانداق ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ بارسا كەلمەس «ھىجرەت» يولىنى تاللىۋالدى؟ ئۇلارنى ۋەتىنىدىن، خەلقىدىن ۋە قېرىنداشلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، يات ئەللەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر قىلغان كۈچ زادى نېمە؟

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن 23 ياشلىق جالالىددىننىڭ ھېكايىسى ئەنە ئاشۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن «ھىجرەت» كە ئاتلىنىشىنىڭ ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

6. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەردە خۇتبىنى بىر تۇتاش تېلېۋېزوردىن ئاڭلاش يولغا قويۇلماقچىكەن

يېقىندا دائىرىلەرنىڭ مەسچىتلەرنى «ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە 3500 گە يېقىن مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە «ئەلالاشتۇرۇشتۇرۇلغان» مەسچىتلەرگە تېلېۋىزور ئورنىتىپ، جۈمە خۇتبىسىنى بىر تۇتاش ئاڭلاش بەلگىلىمسىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان تۈركىيەدىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈۈىۋاتقان دىنىي تەقىپلەش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.