خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يوقاپ كەتمىگەنلەر» ھەققىدىكى ئالدامچىلىقى ئاشكارا بولدى
خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى چۇقانلىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرى كۈچىيىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار زىيارەت فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقاتتى. بۇ فىلىملەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار «غايىپ بولدى» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن بىر قىسىم كىشىلەر كۆرسىتىلىپ، «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ يالغانچىلىق» قىلىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلدى.
ھالبۇكى، بۇ فىلىملەر تارقىتىلغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، مىڭلىغان غايىپلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى ئالدىن بېكىتىلگەن لاگېرلارغا «ئېكىسكۇرسىيەگە تەشكىللەش» ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولغان ئىدى.
چاپچالدىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى قىسمەن ئايدىڭلاشتى
چاپچال ناھىيىسىدىكى لاگېردا ئىككى يىلغا يېقىن يېتىپ چىققان قازاق تىجارەتچى باقىتئەلى نۇر قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزى ياتقان لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، چاپچال ناھىيىسىدە ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدىلا بەش لاگېر قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 30 مىڭچە ئادەم قامالغان ئىكەن. ئۇ بۇ لاگېردا داڭلىق ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ، ئاياللارنىڭ ۋە ياشلارنىڭ كۆپلەپ قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداق خورلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
نىمجان ھالەتكە كېلىپ قالغاندا لاگېردىن چىقىرىۋېتىلگەن باقىتئەلى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىز پەقەت قازاق بولۇپ قالغىنىمىز ئۈچۈنلا خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق. ئۇيغۇرلارغا بۇ مۇمكىن ئەمەس،» دېدى.
ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ تۇنجى دولقۇنلىرى كۆرۈلمەكتە
ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسى ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇنىڭدا كىشىنى خوشال قىلىدىغان قىسمەن مەنزىرىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ماراكەش، پەلەستىن، ئىئوردانىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئەرەب جامائىتى چوڭ كوچىلاردا ھەمدە شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇيغۇرلارنى ياردەمسىز قالدۇرۇش ھارام،» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
يېقىندا كۈۋەيت ۋە مىسىردىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنداقلا دىنىي يولباشچىلار ئويغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ بۇرچىمىز،» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى 31-دېكابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2020-يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
كېچىلىك ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت نومۇرلىرى، يۇمۇر-چاقچاقلار شۇنداقلا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ شوخ ئۇسسۇللىرى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر جامائىتىنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر قىسىم چەتئەللىك مېھمانلار شۇنداقلا ئۇزاق يول بېسىپ كانادا، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ قاتناشتى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق داۋام قىلماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقى ۋە قوللىشى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ۋە ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدا غايەت زور «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» جەۋلان قىلدۇرۇلغان بولسا، داغىستانلىق بوكىسچى ئارتۇر بېتېربايېف ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك خىتايدىكى بوكىس مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەركىتىگە غايەت زور تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىماقتا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشنى بىكار قىلىش قارارى» غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى 28-دېكابىر كۈنى خەۋەر بېرىپ، پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشكە دائىر قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار» نىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر «بۇ ھال لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» دەپ سوئال قويۇشقا باشلىدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى پاھىشىۋازلىق قىلغاندىن كېيىن تەربىيەلەشكە يىغىۋېلىنغانلارغا قارىتىلغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر شاھىتلىرى لاگېر مەسئۇللىرىنىڭ بۇ خىل تەربىيەلەش ھەققىدە سۆز قىلىپ، لاگېردىكى ھەممەيلەن «تولۇق خىتايلىشىپ بولغىچە ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىدۇ،» دېگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.