ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي ھەققىدىكى 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 8-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىش ئەھۋالى تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زۇلۇمغا ۋە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن جىم مەكگوۋېرن ۋە ماركو رۇبىيو ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كومپارتىيە ئەزاسى ياكى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ لاگېرغا سولانغان

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ساقچىلار ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭمۇ ئامان قالمايۋاتقانلىقى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

يېقىندا تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ 30 يىللىق ساقچىسى، سابىق ساقچىخانا باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى لاگېردا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يېشى 80 دىن ئاشقان مويسىپىتلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ئۇچۇرنى ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى مەلىكە ھەبىبۇل تەمىنلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەبىبۇللا ئابدۇللانىڭ پەرزەنتلىرىدىن مەمەت، ئالىم، مېھراي، باھارگۈل، ئايگۈل قاتارلىقلار بىردەك لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلاردىن ئىككىسى ساقچى، قالغىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، پارتىيە ئەزاسى ئىكەن.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلار

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان مەزگىلدە خىزمەت تەرتىپى سەۋەبلىك ئاۋازغا قويۇلماي، 2020-يىلىغا قالغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى پات ئارىدا ئىمزالىنىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىش مەسىلىسى دىققەتتىن چەتتە قالماقتا ئىكەن.

ئەمما كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ئامىلنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ئىنسانىي تېمىلارنى چەتكە قايرىپ قويماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن بەھرەين ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكىنىڭ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۆيلەرنى ئۈچلەشتۈرۈش» دولقۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مىسلىسىز ۋەيران قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا مەسچىتلەرنى، «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش» نامىدا مىللىي قىياپەتتىكى مەھەللىلەرنى بۇزغان بولسا، ئەمدىلىكتە «ئۈچلەشتۈرۈش» نامى بىلەن ئۆي بېزەشنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئولتۇراق تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى خاراب قىلىۋاتقان «ئۈچلەشتۈرۈش»، يەنى خىتايچىلاشتۇرۇش دولقۇنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆي جابدۇقلىرى سودىسى قىلىدىغان خىتاي كارخانىلىرىغا زور مىقداردا پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر ئولتۇراق ھاياتىنىڭ نەمۇنىلىرى بولغان گىلەم، سۇپا ۋە كارىۋاتلارنىڭ كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايچە شەكىلدىكى ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ سەپلىنىشى ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.

لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ قايتىدىن سەھنىگە چىقىرىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا بولغان چۇقانلىرىغا جاۋابەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، لاگېرلارنىڭ قامالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا.

يېقىندا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن سەنۇبەر تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىپ، يېڭى يىللىق پائالىيەتتە ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئەركىنلىككە چىقالمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيەدىكى مۇزىكىشۇناس رەيچىل خاررىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي بىر قاچە ئىنساننى سەھنىگە چىقىرىپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىمۇ، دۇنيانىمۇ ئىشەندۈرەلمەيدۇ» دېدى.

خىتاي ماللىرىنى چەكلەش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئىشلەنگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ توغرىسىدا پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن «قۇللار ئەمگىكى» ھادىسىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ماللىرىنى چەكلەش دولقۇنى خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولۇۋاتقان تۈركىيەدىمۇ كۆپەيمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم شىركەتلەر ئاشكارا ھالدا خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.