ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىن بىلەن بىللە 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى
يېقىندا خوتەندىكى مەشھۇر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا بۇ ئەھۋالنىڭ راست ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
ئەكبەر ئىمىننىڭ قاماققا ئېلىنىشىغا ئۇ بەرپا قىلغان ئولتۇراق رايوننىڭ مودېلىدا مەسچىت ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىقى ئۇسلۇبىدا لايىھەلەنگەنلىكى سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر ئىمىن خوتەندە نەچچە مىليون سوملۇق مەبلەغگە ئىگە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنى ماڭدۇرۇۋاتقان كىشى بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشتا «قوش قۇربانلىق» قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.
«قانۇنسىز كىتاب» قا كۆز يۇمغان يېزا كادىرى يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
يېقىندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇننىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى «قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى ساقلاش قىلمىشىغا كۆز يۇمغان» دېگەن جىنايەت بىلەن يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن بىر قېتىملىق ئۆي بېسىپ كىتاب تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە بايقالغان «ھەج قىلىش قوللانمىسى» نى «دىنىي ئەسەبىيلىك تەرغىب قىلىنغان كىتاب ئەمەس،» دەپ مۇسادىرە قىلمىغان ئىكەن. 2015-يىلىغا كەلگەندە ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان.
ئالاقىدار ئېنىقلاشلار داۋامىدا ئابلىكىم ياسىن ۋە مەمەتئېزىز مەتتوختىنىڭ يىللاردىن بۇيان «ئىلغار خىزمەتچى» ۋە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالانغان خىزمەت تارىخىمۇ ئۇلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتىن توسۇپ قالالمىغان.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا
ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ 20-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى مۇنازىرە قىلىندى.
مۇنازىرىدە ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مىنىستىرلاردىن لورد تارىق ئەھمەد، بارونە ۋارىسى قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئەۋلادىدىن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا ‹ماگنېتىسكى قانۇنى› چىقىرىش لازىم» دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللىغاندىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەققانىيەتنى قوللاشقا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.
خىتايدىن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» زور ئەندىشە قوزغىماقتا
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس نۆۋەتتە خىتاي تەۋەسىدە كۆپلەپ تارقالغاندىن باشقا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگىمۇ تارقىلىپ، يېڭىدىن بىر دۇنياۋى ۋەھىمە قوزغاشقا باشلىدى.
«ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجسىمان ۋىرۇس ھايۋاندىن ئادەمگە، ئاندىن ئادەملەر ئارا ئۇچرىشىشتىن باشقىلارغا تارقىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاللىقاچان 26 دىن ئاشقان. بىر قىسىم دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئايرىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنى باشلىۋەتكەن.
نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ تارقالغانلىقى مەلۇم. بۇ بىمارلار ۋۇخەن شەھىرىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر خىتاي بولۇپ، ئۇلار ھازىر مەخسۇس دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن پولات ئىبراھىمنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇنەۋۋەر ئابلىمىت گۇۋاھلىق بېرىپ، يولدىشى پولات ئىبراھىمنىڭ قارامايدىكى لاگېردىن داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئون كۈن ئۆتكەندە ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇنەۋۋەر خانىم پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. ئەمما قارامايدا قالغان يولدىشى پولات ئىبراھىمنى ساقچىلار «دىنىي ئەسەبىيلىك» باھانىسىدە تۇتقۇن قىلغان. لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان پولات ئىبراھىم 2017-يىلىنىڭ بېشىدا «داۋالىنىش» قا چىقىرىلغان ھەمدە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
مۇنەۋۋەر ئابلىمىت تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن گەرچە ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە سىڭلىسى بولۇپ بەش كىشىنى لاگېرغا قامىغان.
ياۋروپادا خىتايغا قارشى نامايىشلار بولدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادالەتپەرۋەر كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈشكە باشلىدى ھەمدە دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ ۋە بېرلىن شەھەرلىرىدىكى تۈركلەر، ئەرەبلەر ۋە گېرمانلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا بولغان كۈچلۈك نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ۋە قەھرىمانماراش شەھەرلىرىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك زور نامايىشتا تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار خىتايلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان بولسا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.