ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.02.28
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

20-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» گۇمانى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئۇقتۇرۇش ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا 25-فېۋرال يەتكۈزۈلگەن.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ئۇنىڭغا بۇ ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزگەن ۋە قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

گۈزەلنۇر خانىم ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ بارلىق تۆھمەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاينى ئەيىبلىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى سادىرى قىلىش گۇمانى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نارازىلىق بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى كۆز قارىشىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىگەن ئىلھام توختىنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

رابىيە قارى خانىم ئىلگىرىكى باياناتلىرىدىمۇ خىتاينى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

د ئۇ ق پارىژدا «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىلى ھوقۇقى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە قىممەتلىك دوكلاتلار بېرىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپ ھەرىكىتى ھەققىدىكى دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلدى. دوكلاتنى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا تونۇشتۇردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھاياتى پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزا پەيشەنبە بازىرىدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن

27-فېۋرال، خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزا پەيشەنبە بازىرىدا خىتاي ساقچىلىرى ئاممىغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان، ئەتراپتىكى كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغان.

يەرلىك ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما، يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى پەيشەنبە بازاردا ساقچىلارنىڭ رەسمىيەتسىز موتسىكلىتلارنى يىغىش جەريانىدا ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ قورشاۋدا قالغانلىقىنى ۋە ئاممىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش ئارقىلىق قورشاۋدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز موتسىكلىتلارغا زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاران تەسلىكتە سېتىۋالغان قاتناش قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ ئېغىر جەرىمانە قۇيۇشى، موتسىكلىت ئىگىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز-پىكىر، دىنىي ئېتىقاد، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2013‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى پەيشەنبە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى باھالاپ چىقىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن قانلىق ۋەقەلەرنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقىچە پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، رايون نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز شەكىلدە ئۆزگىرىشى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە چەكلىمە قويۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ 10-مارت كۈنى تەپتىشكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسى كېلەر ئاينىڭ 10-كۈنى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان جىيەنى مىرشات يۇقىرىقى خەۋەرنى دەلىللىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ 3 نەپەر مۇدىرىيەت ئەزاسى ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان ئىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ 10-مارتتا تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە دائىرىلەر ھېچنېمە دېمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.