ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-مارتتىن 30-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.03.30
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئاياللىرى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە كۆپلەپ سولانماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق كادىرى پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئاقسۇ شەھرىدىكى 61 ياشلىق ئايتۇرسۇن قۇرباننىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى مىسىرغا ساياھەتكە بارغانلىقى سەۋەبلىك ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ھەتتا ئۆتكەن يىلى قازا قىلغان ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىغىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

د ئۇ ق «نامسىز مەھبۇسلار تىزىملىكى» نى ئىشلەشكە باشلىدى

ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل «سىياسىي» بۆھتانلار سەۋەبىدىن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى يۈز مىڭلاپ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى بۇ ئىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «نامسىز مەھبۇسلار» نىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى باشلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نۆۋەتتە دەسلەپ بولۇپ ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقماقچى بولۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرى توپلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا جىددىي تۇتۇش قىلماقتا ئىكەن.

ئاۋسترالىيەدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

25- ۋە 26-مارت كۈنلىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ يۈزدىن كۆپ ئۇيغۇر پايتەخت كانبېررا شەھرىگە توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئار توۋلاش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق نارازىلىق نامايىشى ھېسابلىنىدىكەن.

چەتئەل تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە چىقىشى بىلەن بۇ ھال دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

يېقىندا گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەنقىدلىدى ھەمدە ئۇنى «خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغانلىق» بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا كانادا ۋەكىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا كۈچ سەرپ قىلماقتا.

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ بېلگىيەدىكى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن ھەمدە مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەھمۇتمۇ ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە ھەمدە تەيۋەندە چاقىرىلغان يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغان.

ھەرقايسىي ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2018-يىللىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى

21-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولغان «نورۇز بايرىمى»نى بىرلىكتە قۇتلىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن نورۇزلۇق پائالىيەتلەر ئاساسەن مۇھاجىرەتتىكى ياش بوغۇنلارنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتى.

ئامېرىكا، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلەردە «شەرقىي تۈركىستان مارشى»، ئۇيغۇر تۇرمۇش ئەنئەنىلىرى ۋە ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ھەققىدىكى نۇتۇقلار بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتىگە يېڭى تۈس قوشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ خىل پائالىيەت سورۇنلىرىنى چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇرلۇق تەربىيەسى بېرىشتىكى بىر ياخشى پۇرسەت، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.