ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-فېۋرالدىن 1-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.01
hepte-20190301.jpg «قۇتادغۇ بىلىك» تەربىيەسى ساھەسىدىكى مول ھوسۇللۇق ئاپتور يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئوغۇللىرى بەھرام(سولدا) ۋە ئېھرام. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Gülruy Esqer teminligen

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم پالتۇ تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق پروفېسسورى ئابدۇكېرىم پالتۇنىڭ 2018-يىلى سېنتەبىردە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىكنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم پالتۇ بۇ يىل 76 ياشتا بولۇپ، ئىلگىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە خىتاي تارىخىدىن دەرسى بەرگەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىققان ۋە ياشىنىپ قالغان زىيالىلارنىمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىشى نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبنىڭ نەقەدەر قاتتىق بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى،» دېدى.

قەشقەردىكى بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىغا «24 سائەتلىك كۆرۈشتۈرۈش» يولغا قويۇلغان

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرغا قامالغان قىسمەن تۇتقۇنلارنى ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا لاگېرلاردىكى «ئىپادىسى ياخشى» بولغان ئاز ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «24 سائەتلىك كۆرۈشۈش» ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلەر بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئەتىسى لاگېرغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن. بۇ جەرياندا ئەنە شۇنداق قويۇپ بېرىلگەنلەردىن بىرەيلەن «لاگېردا غۇرۇر دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بىزنىڭ ئۇ جايدىن ساق چىقىشقا كۆزىمىز يەتمەيدۇ،» دېگەن.

تەرجىمان ۋە تىلشۇناس ھۈسەنجان ئەسقەر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لۇغەتچىلىك ۋە تەرجىمانلىق ساھەسىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان تىلشۇناس ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ 2018-يىلى ئاپرېلدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

ھۈسەنجان ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە-خىتايچە كەسپىي لۇغەتلەردىن ئون نەچچىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەنجان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسىدە زور ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان ئالىم ئەسقەر ھۆسەيىننىڭ ئوغلى ئىكەن. مەرھۇم ئەسقەر ھۆسەيىننىڭ ئىككى نەۋرىسى، يەنى «قۇتادغۇ بىلىك» تەربىيەسى ساھەسىدىكى مول ھوسۇللۇق ئاپتور يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ ئوغۇللىرى بەھرام ۋە ئېھراممۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

مۇھەممەد بىن سالماننىڭ لاگېرلارنى قوللىشى زور تەنقىدكە دۇچ كەلدى

مۇشۇ ھەپتە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالمان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، بۇ زىيارەت ھارپىسىدا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار «ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلىئەھدىسىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار «ۋەلىئەھدى سودا مەنپەئەتىنى ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن كۆردى،» دەپ ئۇنى تەنقىدلىگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى

مۇشۇ ھەپتىدە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدە قىلغان قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن سۆز قىلدى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى.

دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، «تۈركىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېدى.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار تۈركىيەنىڭ ئادالەتنى ياقلىغانلىقىنى «كېچىككەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئاز-تولا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ھەرىكەت شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا تۈرتكە بولغۇدەك جاسارەت،» دېدى.

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى» قۇرۇلدى

مۇشۇ ھەپتە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېميەىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى» قۇرۇلدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بۇ كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

مەزكۇر كومىتېت نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلى مەنئى قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور ئىجتىمائىي بۆھرانلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسمىتى بولۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرى قىسمەن بولسىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.