ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-مارتتىن 20-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.20
mejburiy-emgek.jpg تەيگۇاڭ(Tai Guang) ئاياق زاۋۇتىدا قوللىرىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر. 2019-يىلى ئۆكتەبىر. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكادىكى ھەر ساھەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى.

ئامېرىكادىكى كارخانىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بۇ خىل قەبىھ قىلمىشنى قوبۇل قىلالمايمىز،» دېدى. ئۇلارنىڭ باياناتىدا ئېنىق قىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئېتىراپ قىلغاندەك شىنجاڭدىكى شارائىت ۋە خىتاي بولمىغان ئىشچىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق خىرىسلار پەيدا بولماقتا» دېگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا شىركەتلىرى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىۋېلىشنى چەكلەش لازىملىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلەشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسقا جاۋابكار بولۇشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ۋابا كېسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكادىن ئىزدەش ئۇرۇنۇشى ئارقىمۇ-ئارقىدىن كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇ ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ ھازىرقىدەك يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۈچلۈك تەنقىدلىدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق ئوبزورچىلار بۇ ھەقتە ماقالە ۋە ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋىرۇس ۋاباسىغا جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى، خىتاي بۇ قىلمىشى ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئورىغا تىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇت قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان


ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ لىرىك ناخشىلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر رەشىدە داۋۇتنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ۋە سىياسىي مەسىلە» تۈپەيلىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رەشىدە داۋۇت 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سوتتا سوتلانغان بولۇپ، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدا رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاقىلىقتىكى لاگېر مەھبۇسلىرى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى ھەمدە «كۇرسانتلار» نىڭ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر قىسقا فىلىمدا بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بىر مەيداندا ئوخشاش كىيىنگەن نەچچە مىڭ كىشىنىڭ ماسكا تاقىغان ھالدا يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئاپتوبۇسلارغا چىقىۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ كۆرۈنۈشكە قاراپ «بۇلار تۈرمە ياكى فابرىكىلارغا يۆتكىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا چاقىلىق ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ھازىر چاقىلىقتا ھېچقانداق لاگېر قالمىغانلىقىنى، ئۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ «ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقى» نىڭ يالغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا بۇ ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋۇخەنگە بارغانلىقىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ئەمما تۈرلۈك يوللاردىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.

مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر 16-مارتتىن باشلاپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشى «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا يېڭى مەيدان ھازىرلىماقتا» دەپ تەنقىدلەنمەكتە ئىكەن.

مۇتەللىپ سىدىققا كېچىكتۈرمە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى پېشقەدەم ژۇرنالىست، ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق بۇنىڭدىن ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭغا كېچىكتۈرمە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

پروفېسسور مۇتەللىپ سىدىقنىڭ گېرمانىيەدىكى ئوغلى تاھىر مۇتەللىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلىسىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان دادىسى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يېرىم يىللىق كېچىكتۈرمە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ئىسىملىرى ساھەسىدە سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىجتىھاتلىق ئالىملاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇيغۇر سەرخىللىرى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنى تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەن مىساللاردىن بىرى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.