ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مارتتىن 3-ئاپرېلغىچە)
2020.04.03
تاجسىمان ۋىرۇس ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندا غۇلجا شەھىرىدىكى ئاساسلىق دوختۇرخانا ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ھازىر ۋىرۇستىن كارانتىن قىلىش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. بارلىق ئۇيغۇر دوختۇر ۋە سېسترالار مۇشۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى مەنئى قىلىنغان.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان. جۈملىدىن فرانسىيەدىكى ئۆمەر ئابدۇقاھار ئائىلىسىگە بۇ ۋىرۇس يۇققاندىن كېيىن تېگىشلىك داۋالاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلگەن. ئەمما بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى تېخىمۇ ئاشقان.
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نى قۇردى ھەمدە ۋىرۇسنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.
ئۇيغۇر دىيارىغا مۇكاپاتلىق نوپۇس كۆچۈرۈش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا
خىتاي ئۆلكىلىرى تاجسىمان ۋىرۇستىن كېيىنكى پاتپاراقچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا زور تۈركۈمدە خىتايلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەرنى باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېلىشنى خالىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى خىزمەت، ھەقسىز ئۆي، يۇقىرى مائاش، باج-سېلىقسىز تېرىلغۇ يەر قاتارلىقلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقان ياشلار يىللاردىن بۇيان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىنى ئالغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىزچىل تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتى زور قوللاشقا ئېرىشتى
خىتايدىن يامرىغان تاجسىمان ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىۋاتقاندا گوللاندىيەلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ناۋىد ۋارداك ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يوللىنىدىغان مۇراجىئەتنامە ئۈچۈن ئىمزا توپلاشنى باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلار 800 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ پىلانى بۇ ساننى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش ئىكەن. مۇراجىئەتنامىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنى مەركىزىي تېما قىلغان ھالدا ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش ئىكەن.
بۇ پائالىيەت نۆۋەتتە ھەرقايسى ساھەنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىدىن خالى قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەسلىتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
پروفېسسور ئابدۇللا ئابباسنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خەۋىرى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى بۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تۆھپىكار پروفېسسور ئابدۇللا ئابباسنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك خىتاي كادىرلار بۇ ئىشلارنىڭ «دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن نەچچە ئونلىغان ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاشارغا ئىشلەۋاتقانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى تۈرلۈك ئۇچۇرلار ھاشارنىڭ ھېلىھەم زور كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولغاچقا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان جىددىيچىلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن ياشىنىپ قالغان ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن خالىي بولالمىغان ھەمدە قاشتېشى كولاش، مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سېلىنغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك قانۇن لايىھەلىرى ۋە باياناتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر مائارىپچىلار داۋاملىق لاگېرغا قامالماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەلۇم بولماقتا. قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەمەت ئېلىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان لاگېردا يېتىۋاتقانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت ئېلى 1987-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يەنە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق كۇرسى ئاچقان ئىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەمەت ئېلىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى» غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بەزىلەر مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يوق قىلىشتەك سىستېمىلىق پىلانىنىڭ ئىجراسى،» دەپ قارىماقتا.