ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27-ئاپرېلدىن 3-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت 2018-يىلى يازدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىسمى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تىزىملىكىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. بىز مەزكۇر فاكۇلتېتتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خىتاي خادىم ئالىم ئەھەتنىڭ نۆۋەتتە خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىم ئەھەت 1998-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىدىكى مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرغان ئىدى.

مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشماقتا

مەشھۇر لاگېر سۈرىتى، يەنى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتتىكى 5‏-رەتتە ئولتۇرغان تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك ئەمگەك سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى ئابدۇل ئەزىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارىدىكى ئالاقىدار بىر خادىم شوپۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

3‏-رەتتە ئولتۇرغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ بولسا، قاش تېشى سودىگىرى، ۋەزىپىسىز دىنىي زات ئېلى ئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 29‏-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن تۆت پارچە فوتو سۈرەتكە بىردەك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېما تاللانغان. دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلانغان ئېلانلارغىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۈرەتلەر ئىشلىتىلگەن.

دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنى ئىجرا قىلغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى چېن چۇەنگوغا «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىشقا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك دەۋەت قىلىنغان.

مايك پومپېئو: «ئامېرىكا كارخانا ساھەسى شىنجاڭدا ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 30-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر سودا تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت پائالىيەتلىرىدە بولماسلىققا چاقىرغان.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1930-يىللىرىدىكى زوراۋانلىقىغا سېلىشتۇرۇپ، مەزكۇر رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېئو 26-ئاپرېل كۈنى، قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى كەرىم مەسىموف بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئەمما پومپېئونىڭ سۆزىگە مەسىموفنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىسىغا ئائىت دوكلاتى ئېلان قىلىندى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2-ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان نازارەت سىستېمىسى ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئادەم كۈچى ئىشلىتىشتىن ھالقىپ، يانفون ئەپلىرى ئارقىلىق ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ ئەپ «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» (IJOP) غا ئۇلانغان بولۇپ، ئاپتوماتىك ھالدا شەخسلەرگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايدىكەن ۋە بۇ ئاساستا «خەۋپلىك» كىشىلەرگە بەلگە قويۇپ ماڭىدىكەن. باش شتاب بولسا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كىمنى تۇتقۇن قىلىشنى قارار قىلىدىكەن. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئامېرىكىدا خىتايغا قارىتا «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نى ئاساس قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەگە ھازىرلانماقتىكەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەت پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كىرون سىكىننېر دۈشەنبە كۈنى، ۋاشىنگتوندىكى بىر خەۋپسىزلىك مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قارىتا «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئىدىيەسى ئاساسىدا يېڭىۋاشتىن ئىستراتېگىيە تۇرغۇزۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

سىكىننېر سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ھازىر خىتاينى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە پەقەت تىجارەت مەسىلىسى ئەمەس. . .» دېگەن.