ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4-مايدىن 10-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» بۇ يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېغىشلىدى.

1943-يىلىدىن تارتىپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ساھەسىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان شەخسلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقان مۇكاپاتنىڭ بۇ يىل ئىلھام توختىغا بېرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

مۇكاپاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمى 8-ماي كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى رىتز كارلتون مېھمانسارىيىدا چاقىرىلدى. ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام تاپشۇرۇپ ئالدى. مۇراسىمدا ئىلھام توختى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى ۋە شۇنداقلا لاگېرلار مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى.

SNN مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان


ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان SNN نىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بارغان.

ئۇلار بارغانلىكى جايدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچرىغان. SNN مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيە مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تىكەنلىك سىم توسۇق، كۆزىتىش مۇنارى ۋە باشقا مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن قورشالغان تۈرمىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

SNN مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى «يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى» دەپ ئاتىغان.

NBA نىڭ كەسپىي مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ئويۇن كۆرسەتتى

7-ماي كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى» (NBA) نىڭ كەسپىي مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ئويۇن كۆرسەتكەن. ئايگۈل مەمەت سەھنىدە ئۇيغۇر ناخشىسىنىڭ تەڭكەشلىكىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق سېرك ماھارىتى ئورۇندىغان.

مەزكۇر مۇسابىقىنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندىن كۆرگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئارىسىدا ياڭرىغان ئۇيغۇرچە ناخشا دىققەت قوزغىغان.

دۇنيا سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتقان ئايگۈل «مەن بىر مەيدان نامايىش قىلغاندەك بولدۇم» دېگەن. مەزكۇر مۇسابىقە جەريانى ھەر قايسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان.

رامازان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنە تەكىتلەندى

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئايلاردىن ھېسابلىنىدىغان رامازان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى خالىغانچە روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى يەنە بىر قېتىم دىققەت قوزغىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رامازان ھارپىسىدا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئورگاننى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 7-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتا دىنىي ئېتىقادنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي «سۈپۈرۈپ تاشلاش» قا ئاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: «خىتاي 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا»

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى رەندى شرايۋېر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 3-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان. رەندى شرايۋېر «يىغىۋېلىش لاگېرى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىش سەۋەبىنى ئىزاھلاپ «بىزنىڭ تۇتقۇننىڭ كۆلىمى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا بايانلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇۋاپىق» دېگەن.

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رايوندىكى لاگېرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دەپ ئاتىشى، شۇنىڭدەك تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى 3 مىليون ئەتراپىدا دەپ دەپ ئېلان قىلىشىدۇر.

نۇر شىركىتىنىڭ خوجايىنى نۇرمەمەت ئابدۇللا: «بىر كارخانىچىدىن پاناھلانغۇچىغا ئايلاندىم»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلى نۇرمەمەت ئابدۇللا بىر كارخانىچىدىن سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۇرمەمەت ئابدۇللا خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە «نۇر تاشقى سودا شىركىتى» نى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرگەن. ئۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنكى باستۇرۇشلار سەۋەبلىك 2014-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ 3 خىتاي بانكىسىدىكى ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى توڭلىتىۋېتىلگەن. نەتىجىدە 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇ ياۋروپاغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، روناق تېپىۋاتقان بىر كارخانىچىدىن سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ئايلانغان.

نۇرمەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىر ئاكىسى لاگېردا جان ئۈزگەن، قالغان قېرىنداشلىرى ئائىلىسى بويىچە لاگېرغا سولانغان.