ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

ئارسلان ئالىپتېكىن ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيىدىكى بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى، ئارسلان ئالىپتېكىن 2011-يىلى 19-ئىيۇن 70 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن 1941-يىلى، 18-مارت خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1949-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە كەشمىرگە قېچىپ چىققان ھەمدە 1952-يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 21-ئىيۇن ئىستانبۇلدىكى فائىتھ جامەسىدە ئوقۇلدى.

ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم 16-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 17-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويدى.

يانا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قىلغان سۆزىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغانلار، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر مەسىلىسى ھەم خىتايدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يانا خانىم بۇ يىغىننىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى قىسمىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى نامىدىن سۆزگە چىقىپ، قازاقىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۈچىنچى قېتىملىق «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى

«ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى 3-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى.

يىغىندا ھەرقايسى تېمىلار بويىچە 16 پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئاتوم تېخنىكىسى، ئالەم تېخنىكىسى ۋە كېلون تېخنىكىسى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىننىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىدا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئادېلايد شەھەردىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق كۆچمەنلەر مۇزېيىدا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ كۆرگەزمىنى شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە كۆچمەنلەر مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن تەشكىللىگەن.

ئالدى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىنىڭ دىرېكتورى كىرىستىن فىنىمو خانىم سۆزىدە «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنىڭ مۇزېيىمىزدا قويۇلۇشى بىزنى ھاياجانغا سالىدۇ » دېدى.

«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» رەسمىي باشلاندى

«3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» ئىستانبۇلدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ بولۇپ شەھىرىگە قاراشلىق مۇدۇرنۇ ساياھەت رايونىدا 20-ئىيۇن رەسمىي باشلاندى.

«ئۇچرىشىش» نىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئاساسلىقى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، يەنى تىل، دىن، مائارىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە ئورتاق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىندى.

ئۇچرىشىش ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

پاكىستان دائىرىلىرى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە» مەسئۇللىرىنى چېگرادىن چىقارمىدى

«3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىگە قاراپ يولغا چىققان پاكىستاندىكى-«ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە» نىڭ مەسئۇللىرى ئىسلامئاباد خەلقئارا ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئىيۇن پاكىستان دائىرىلىرى ۋەخپە مەسئۇللىرىدىن ئۆمەرخان ۋە ئەكبەرخانلارنى ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا توسۇۋالغان.

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇلارنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆمەرخان ۋە ئەكبەرخانلار نۆۋەتتە پاكىستان سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشيەن 9-ئىيۇن ئامېرىكىغا قىلغان 5 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن بېن كاردېن قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بېن كاردېننىڭ باياناتچىسى، كۆرۈشۈشنىڭ «تېز» ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ پالاتا ئەزالىرىنىڭ ياردەمچىلىرى رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلار كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ جاڭ چۈنشيەن بىلەن قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

خارى فان بوممېل: بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھەرىكەت بوپتۇ

2011‏-يىلى 20‏-ئىيۇن ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرى گوللاندىيىدىكى س پ پارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى خارى فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىش گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتچان روزى ئەپەندىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇچرىشىشتا ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋە گوللاندىيىدىكى پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا يېقىندا ئاشكارىلانغان «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئائىت فىلىم كۆرسىتىلدى. پارلامېنت ئەزاسى خارى فان بوممېل ئەپەندى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىكنى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، «بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بىر ھەرىكەت بوپتۇ»، دېدى.