ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىندى
7-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىنغا مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى كورىي ئاندرىۋ ۋە ياردەمچى مىنىستىر سكوت باسبى رىياسەتچىلىك قىلغان.
يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىپ سۆز قىلغان.
يىغىندا نۇرىي تۈركەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قاراپ، «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوفىي رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقىبلەش تېخنىكىسى ھەققىدە توختالغان.
ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى «تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» دېگەن ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ ئەمەس، «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى» ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ھەققىدە توختالغان. يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە نەق مەيداندا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
ئابلىكىم يۈسۈپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى
قاتارنىڭ دوھا خەلقئارا ئايرودرومىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان خوتەنلىك ئۇيغۇر مۇساپىرى ئابلىكىم يۈسۈپ، 6-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكاغا سالامەتلىك يېتىپ كېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان.
شۇ كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داللاس خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن ئابلىكىم يۈسۈپنى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغان.
ئىلگىرى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئابلىكىم يۈسۈپ بوسنىيەگە بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دوھاغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.
ئابلىكىم 2-ئاۋغۇست كۈنى دوھا ئايرودرومىدىن، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادا ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغالغان.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى. ئۇ ئايرودرومىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇنداق قىسقا بىر ۋاقىتتا قۇتۇلۇپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم، بەك تەسىرلەندىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت، مەن يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم» دېگەن.
نۆۋەتتە ئابلىكىمنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا ئامېرىكالىق ئادۋوكات كىمبېرلېي موتلېي خانىم مەسئۇل بولىدىكەن.
تىلشۇناس ھەبىبۇللا ئابدۇراخمان تۇتقۇن قىلىنغان
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان بىرقانچە كەسپىي خادىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش تەس بولۇپ كەلگەن ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە تىل-يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن، 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققان ھەمدۇللا ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دەلىللەندى.
ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ 2019-يىلى 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدۇللا ئابدۇراخمان يەتتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» ۋە باشقا كۆپلىگەن لۇغەتلەرنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان كەسپىي ئاساسى پۇختا تىلچىلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ ئىلگىرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىل سۆزلۈكلىرىنى توپلىغان، ئۆز ئالدىغا ياپون تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىن دەرس بېرىپ ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن، شۇنداقلا «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە»، «ئۇيغۇرلاردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاتالغۇلىرى»، «خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆزلەر» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.
مايك پەنس پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى سۆزلەشتى
5-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دېموكراتلىرىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىنى، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مايك پەنس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىگە نىسبەتەن قانداق تەدبىر ئېلىش ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سودا سۆھبەتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تېمىسى قىلىشى كېرەكلىكى ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن. ئۇ بۇ قېتىم سۆھبەتكە «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى، «خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى باب فۇ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات قاتارلىق 10 دەك دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تەكلىپ قىلىنغان.
مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلغان ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى ۋاشىنگتوندىكى «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغانىدى.
غۇلجىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى قاماق جازاغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىدە ئىكەن
نۆۋەتتە، خىتاينى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن غۇلجىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ۋە ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنۋەر تۇنسۇنغوجاغا «9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوللىماي ئوغلى ئەزىمەتنى تۈركىيەدە ئوقۇتقان، ئۆزى تۈركىيەدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەندەك تۇتۇرۇقسىز جىنايەتلەرنى ئارتقان.
نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇلارنى ئادۋوكاتسىز ۋە ئەدلىيە تەرتىپسىز سوتلاشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئەنۋەر تۇرسۇنغوجىنىڭ دېلوسى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن.
قاماقتىكى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجىنىڭ نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىڭلىسى مەرھابا تۇرسۇنغوجا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجىنى «تۈركىيەدە بالا ئوقۇتتى» دەپ 2018-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلغانىكەن. ئۇنىڭ بۇ يىل 26 ياشلىق ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەر «تۈركىيەدە ئوقۇدى» دېگەن باھانە بىلەن 2018-يىلى 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.
ژۇرنالىست ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ۋاپات بولدى
تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 2019-يىل 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم 2000-يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققانىدى.
ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئالە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان ۋە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951 -يىلى 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى گۆرجىلغا يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن. ئۇ 1970-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغانىدى.
0:00 / 0:00