خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئاتاقلىق دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىشتىكى سەۋەبى
خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى 2009-يىلى تۈرمىدىكى ئاتاقلىق دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ ناماز ئوقۇغان، ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى 4-قېتىم ئۇزارتقان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى 3 قېتىم ئۇزارتىپ، 9 يىلغا چىقارغان ئىدى.
تۈرمە دائىرىلىرى ئالدىنقى 3 قېتىملىق سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىگە بەرمىگەن؛ پەقەت 4-قېتىملىق سوتنىڭ ھۆكۈمىنىلا ئائىلىسىگە بەرگەن. 4-قېتىملىق سوت، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان. ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى بولسا ناماز ئوقۇش، ئاچلىق ئېلان قىلىش، جىنايەتچىلەرنىڭ 38 ماددىلىق ھەرىكەت ئۆلچىمىنى يادلاشنى رەت قىلىش، خىتاي جىنايەتچىلەردىن بېكىتىلگەن نازارەتچىگە بويسۇنماسلىقتۇر.
مەھكۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى چاقىرتىپ، كېرەم ئابدۇۋەلىگە تەربىيە بېرىشنى، يەنى ئۇنى نامازنى تەرك قىلىشقا ۋە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا كۆندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.
خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى ئالىمجان ھېمىتنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلدى
خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا قەشقەرلىك خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھېمىتنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ داۋاملىق ئەرز قىلغان ۋە بېيجىڭدىن ئادۋوكات تۇتقان ئىدى.
ئۇنىڭ ئادۋوكاتى يېقىندا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆتكەن ھەپتە ئالىمجان ھېمىت بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق تۈرمە دائىرىلىرى ئالىمجاننىڭ مەسىلىسى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى»گە ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق 3-تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئالىمجان ھېمىت بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى پوپ بۆ شىچيۇ خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويماسلىق، دائىرىلەر سادىر قىلغان قانۇن -تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىش، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە بىر قەدەم چېكىنىشكە باشلىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش توغرىلىق بىر قاتار قارارلارنى چىقارغان.
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدىكى سىياسەت ۋە تارىخ دەرسى ئۇيغۇرچىغا قايتىپ كەلگەن. ئىلگىرىكى، دەرسخانىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ سالغان ئوقۇتقۇچىلارنى لاياقەتسىز دەپ قارايدىغان خاھىشلارغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.
دائىرىلەر بۇرۇن مىللىي سىنىپلارنىڭ كېلەر ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا كۆچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ھازىر بۇ قارار بىكار قىلىنىپ، قوش تىللىق مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قوش تىل مائارىپىدا ئانا تىلنى چەتكە قېقىپ، ئۇيغۇر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە باغچە مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ يولغا قويغان. بىراق بۇ ئاممىۋى نارازىلىققا ئۇچراپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئوخشاش زور كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى.
تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتىگە ئائىت «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق تارىخىي رومان تۈركىيىدە نەشر قىلىندى
تۈركىيە يازغۇچىسى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى يازغان «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق رومان ئىستانبۇلدىكى «قۇتۇپ يىلدىزى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 197 بەتتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر روماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىق شەھىرىدە 1020-يىلىدىن 1029-يىللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.
كىتابتا ئاشۇ يىللاردا ياشىغان يۇلا ئىسىملىك ياش قىزنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئىشقى-مۇھەببىتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان.
مەمەت لەۋەنت قايانىڭ «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق مەزكۇر رومانىنىڭ باش قىسمىدا تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى، بەشبالىق شەھىرى ھەمدە روماندىكى ئوبرازلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ، كېيىن روماندىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. روماندا ئىدىقۇتتىكى ئەرتوغان ئىسىملىك بىر بۇددىست باينىڭ يۇلا ئىسىملىك قىزىنىڭ كەچۈرمىشى بايان قىلىنىدۇ.
روزا ھېيتتىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نارازىلىق قوزغىدى
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن ھېيت نامىزى ۋاقتىدا، كۇچا ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
كۇچادىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار سىنىپلارغا يىغىلىپ تاكى روزا ھېيتلىق ناماز تۈگىگىچە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى مەلۇم مەسچىتتە بۇ يىل روزا ھېيتلىق ناماز ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ھېيتلىق ناماز ئوقۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل دىنىي بېسىملىرى ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ نارازىلىقىنى قوزغاپ، رايوندا تېخىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى روزى ھېيت ۋە يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن كېتىپ تۇرۇشقا زورلانماقتا
ھەر قېتىملىق ھېيت-بايرام، يەرمەنكە ياكى قۇرۇلتاي مەزگىللىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن پەرزەنتلىرى غايىب بولۇپ كەتكەن ئائىلىلەر ئۈچۈن يەنە بىر دىشۋارچىلىق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مانا بۇ مەزگىللەردە خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى يۈك-تاقىلىرىنى تېڭىشقا ۋە بىر مەھەل يۇرتلىرىدا تۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.
بۇ يىل روزا ھېيتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن خوتەن قاراقاشتىكى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئۈرۈمچى بۇلاقبېشىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلنىسا خانىمنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولغان. ئۇلار گۈلنىسا خانىمغا، 1-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى يەرمەنكە ئاخىرلاشقۇچە، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان.
لېكىن، گۈلنىسا خانىم ئوغلى مەمەت باراتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۈرۈمچىدە غايىب بولغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالماي تۇرۇپ يۇرتىغا قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. گۈلنىسا خانىم ئوغلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە يوقاپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئاتا، ئانىلارنىڭ بىر نەپىرى، خالاس.