دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلىدى
1933-يىلى ۋە 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ دۇنياغا كەلگەن خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى يەنە بىر قېتىم ئەسلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تارىختىكى ئاچچىق ساۋاقلار ۋە تەجرىبىلەر خۇلاسىلەندى. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە تارىخ چۈشەنچىلىرىگە يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى.
ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئەسلىتىدىغان مۇھىم ئەسكەرتمە ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قەشقەردىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
يېقىندىن بۇيان خەلقئارانىڭ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقان لاگېرلاردىكى مىليونلىغان تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلارغا قوشنا جايلاردىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
بۇنىڭغا ماس ھالدا مۇشۇ خىلدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى ئامېرىكا تاموژناسىدا توختىتىپ قويۇلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيەلىرىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ شۇ جايدىكى قومۇشكۆل توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي پويىزىنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتۈشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجراتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپاغا بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىن ئۆتتى.
تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇنىڭ قانداق زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «ھەمكارلىق» تەسىرى داۋاملىق كېڭەيسە ئۇنىڭ تۈركىيەگە ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
د ئۇ ق خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پائال ئاڭلاتتى
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا دۇنيانىڭ تېخىمۇ زور قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە پائال ھەرىكەتلەردە بولماقتا.
«بېرلىن تېمى» يىقىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن بېرلىندا چاقىرىلغان «كوربېر دۇنيا لىدېرلىرى دىيالوگى» يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە گېرمانىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كرىستيان ۋولف قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى.
14-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان «2019-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» دە دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ جازا لاگېرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بوستون شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىلدى
12-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولغان بوستوندا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
شۇ كۈنى ماسساچۇسېتتىس، ۋىرجىنىيە ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ھاۋانىڭ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا «شەرقىي تۈركىستان مارشى» نىڭ جۆر بولۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بايراق خادىسىغا چىقاردى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان خاتىرە كۈنگە توغرا كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. شۇنداقلا بۇ خىل پائالىيەتنى ئامېرىكانىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيە سەپىرىدە غايىب بولغان يوپۇرغالىق تىجارەتچى ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى، يەنى 2016-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن تۈركىيە سەپىرىگە ئاتلانغان تىجارەتچى ئىبراھىم قۇربان ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ يوپۇرغادىكى بىر قاماقخانىدا بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارا بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم قۇربان ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەدە ئىككى ھەپتە ساياھەتتە بولغاندىن كېيىن يوپۇرغاغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە قايتا تۈركىيە سەپىرىگە ئاتلانغاندا ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان. كېيىنچە يوپۇرغادا سوراق قىلىنىپ، ئېغىر قىيناقتا جان ئۈزگەن.
گەرچە ئىبراھىم قۇرباننىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا.
0:00 / 0:00