لاگېرلارغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى دەلىللەندى
يېقىندا خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى بىر يۈرۈش خىزمەت ھۆججەتلىرى غايەت زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
شۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنى شەھۋانىي فىلىملارنى كۆرمەسلىككە دەۋەت قىلغان بىرەيلەننىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كەسكىن سوئاللىرىغا قارىتا ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قاتار گۇۋاھلىق بېرىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى.
خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھەق ھوقۇقلارنى قانداق دەپسەندە قىلىشى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ھەرىكەتتە بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ خىل ئەمگەك بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان مەھسۇلاتلارنى غەرب دۇنياسىنىڭ بايقۇت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
مۇنەۋۋەر تۇرسۇن خانىم دۇنياغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاھۇ-زارىنى يەتكۈزدى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇنەۋۋەر تۇرسۇن خانىم يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ يۈزتۇرانە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ بۇ ئاساستا يېزىپ چىققان تەپسىلىي خەۋەردە بېجىرىم ھالدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە چىققانلىقى شۇنداقلا ئۇ شاھىت بولغان لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلۇق قىلمىشلىرى تولۇق يەر ئالدى.
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئوغلى فىرقەت جەۋدەت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئاپىسىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتلىرىگە قارىماي بۇ سۆھبەتنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى، چۈنكى ھازىرقىدەك زۇلۇم ھەممىلا يەرگە كېڭىيىۋاتقاندا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى باياناتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم لاگېرلارنى ئاقلىدى.
ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دىكى «كۇرسانت» لارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتىمىزگە تۆھمەت چاپلاشتىن توختىمايۋاتىدۇ،» دېگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىرغىچە ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ھېلىھەم لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 48 نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاق سارايغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى
ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 48 نەپەر ئەزاسى ئاقسارايغا بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىشىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مەكتۇپتا «ئامېرىكا ھازىر شىنجاڭدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، بۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى بىر چوڭ داغ بولۇپ قالغۇسى» دەپ كۆرسىتىلدى.
12-دېكابىر كۈنى يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلدە يېزىلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پالاتا ئەزالىرىنى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانا بولۇشى كەسكىن تەنقىدلەنمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋالغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى «ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلەندى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بىرلەشمە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلاردىن بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
يەنە بىر قىسىم ئوبزورچىلار بولسا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى ھەمدە ئارقىدىنلا يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشى بىلەن سېلىشتۇردى.
0:00 / 0:00