ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-دېكابىردىن 20-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

ئىلھام توختىغا «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى

18-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگدىكى باش شتابىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە سۆز قىلىپ دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا، جۈملىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلىشى بۇ جەھەتلەردىكى ئۈمىدلەرنى تېخىمۇ زورايتماقتا ئىكەن.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، ئاشكارا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرگە ھېسداشلىق قىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى ھەققانىيەتنى سۆيگۈچى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەسئۇت ئۆزىلنى خىتايغا دۈشمەنلىك قىلىپ «جىھادى گۇرۇپپىلارغا ياردەم بېرىشنى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا شىنجاڭ مەسىلىسى تۈپەيلى خىتايغا قارشى نەپرەت شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ ئەيىبلىدى.

مۇز ئارىسىدىن جەسىتى تېپىلغان بەش ياشلىق بالىنىڭ ئەھۋالى ئېنىقلاندى

ئۆتكەن ھەپتە بىر سەبىي بالىنىڭ مۇز ئارىسىدا قالغان جەسىتى قېزىپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ھەمدە كۆپلىگەن بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ بالىنىڭ بەش ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەك نەسرۇللا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئاپىسىنىڭ ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 28 ياشلىق دادىسىنىڭ لوپتىكى لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان قارانچۇقسىز قالغان گۆدەكلەرنىڭ مۇشۇنداق ئۆلۈم پاجىئەلىرىگە ئۇچرىشى كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 50 كە يېقىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 50 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلاردىن بەشى بولۇپ، ئۇلار بىردەك كېرىيە تۈرمىسىگە قامالغان ئىكەن. يەنە كېلىپ بەزىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تولىمۇ ناچار ئەھۋالدا ئىكەن.

يېقىندا ئاشكارا بولغان لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتتە لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتا ياش چەكلىمىسى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۇتقۇن قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا مۇسۇلمان خەلقلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى

ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 28-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملار ئاساسىي تېمىلاردىن بىرى بولدى.

63 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان بۇ قۇرۇلتايدا ھەرقايسى ۋەكىللەر بىردەك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا سۈكۈت قىلماسلىق، شۇنىڭدەك ئاۋازىنى چىقىرىش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئامىلغا باغلاپ تۇرۇپ ھەرقايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىۋېلىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق مەيداننى ئىپادىلىشى زور ئالقىشقا ئېرىشتى.

ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان قارار لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىنى تېزدىن توختىتىشى، لاگېرلارنى تاقىشى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو قويۇش تەلەپ قىلىندى.

مەزكۇر قارار لايىھەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ماقۇللىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 3‏-قېتىملىق قارار لايىھەسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قارىتا خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.