ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6- ئۆكتەبىردىن 12- ئۆكتەبىرگىچە)
2007.10.12
رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە ئەنگلىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئەنگىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋسالاۋ خاۋېلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋە دۇنيا ھاجەتمەن خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پراگا شەھىرىدە، كېلەر يىلى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىنىڭ، باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ھېسابلىماقتا.
رابىيە قادىر خانىم 2007-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىمدا كۈچلۈك نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن. بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئال گور ئەپەندىگە بېرىلدى.
ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت ئۆتكۈزدى
رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، 12- ۋە 13-ئۆكتەبىر كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك روزا ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ئەلۋەتتە، بۇ كۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ خاسىيەتلىك ۋە خۇشاللىق كۈندۇر.
ئامېرىكا، تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار 12-13-ئۆكتەبىر كۈنى روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا ئەرمەنىلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەرمەنلەرگە " ئىرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان قارار لايىھىسى ماقۇللىدى.
تۈركىيە مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇ قارار لايىھىسىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە تۈركىيە جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولغان. تۈركىيە ئىزچىل ھالدا بۇنداق قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن.
خىتاي ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىشىگە نارازى بولدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 11 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، "بىز ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى شەخىسنىڭ دالاي لامادىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا قارشى تۇرىمىز " دېگەن.
17-ئۆكتەبىر كۈنى ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمىغا پرېزىدېنت بۇشمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلغان. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى مەيداندا كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يوللىدى
ئالدىنقى ھەپتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 19-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترېن فانكس ، توم لانتوس قاتارلىق 33 نەپەر پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويۇپ، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇئاڭچېڭنى قويۇپ بېرىشكە قىستاپ ۋە خىتاينىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىتا نەزەر ئاغدۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مۇراجىئەتنامە يوللىغان.
فرانكس ئەپەندى ۋە توم لانتوس ئەپەندى قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ , خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
6-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى فائىرفاكىس شەھىرىدە مەرھۇم كومپوزىتور ۋە سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۈسەننىڭ سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كۈرەش كۈسەن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزدى .
مەرھۇمنىڭ بىر يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى، نيۇيورك ۋە نىيۇۋ جېرسىي قاتارلىق شىتاتلاردىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىجادىي پائالىيەتلىرى ۋە سىياسىي كۈرەش ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
قەدىمىي كۇچانىڭ كۈسەن نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغان كۈرەش سۇلتان ئۆتكەن يىلى. 29 -ئۆكتەبىردە شۋېتسىيىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن 47 يېشىدا قازا قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش دەپ تەرىپلەش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1- ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 - سېنتەبىردىن 7 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)
- پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1 - ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)