ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - نويابىردىن 16 - نويابىرغىچە)


2007.11.16

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 7-نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ياپونىيە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا ياپونىيىنىڭ توكيو، تانابە ۋە كىيوتو قاتارلىق شەھەرلىرىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن ياپونىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇمىي يۈزلۈك توختىلىش بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. 11 - نويابىر كۈنى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتى سۈپىتىدە ياپونىيىنىڭ ۋاكاياما ئۆلكىسىدىكى تانابە شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇردى. رابىيە قادىر خانىم يەنە كوبى شەھىرىدىكى گاكۇيىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا خېلى كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ماقالە ۋە ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قوش تىل سىياسىتى، قىزلار ۋە بالىلارنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىش مەسىلىسى، ئۆلۈم جازاسى ھەم بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە باشقا مەسىلىلەر يورۇتۇلغان. رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ ياپونىيىدە ئۈچ ھەپتە زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ زىيارەت كۈن تەرتىپىدە يەنە نۇرغۇن پىلانلار بار بولۇپ، بۇ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ناھايىتى مول مەزمۇنلار بىلەن تولغان ھەقتە داۋاملىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىسىلەر.

تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى تەبرىكلىدى

12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە ۋە باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرى شۇنىڭدەك قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەپ تۈرلۈك شەكىلدە پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت كۈنى تۈركىيە كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەزكۇر داغدۇغىلىق مۇراسىمغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىگەن. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر چەت مەملىكەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەپ تەبرىكنامە ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلىگەن.

خىتاي قوش تىللىق مائارىپنى يەسلىدىن باشلاپ كۈچەيتمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپنى يەسلىلەردىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەتتە ۋىلايەت ۋە ئوبلاست دائىرىسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 122 مىڭ 939 نەپەر ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايچە ئوقۇتۇشنى پىلانلاپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۈچۈن 70مىليون 390 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بەلگىلىمىدە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشلىرىغا پۇل قېتىپ بېرىشمۇ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيىسىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى، 15-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ 2007‏- دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كومىتېت خىتاينىڭ ئوز ھەربىي تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيىسىگە قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشى ۋە زەھەرلىك تاۋارلار ھەم سۈپەتسىز خىتاي يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 42 خىل تەكلىپ بەرگەن.

دالاي لاما ياپونىيىدە زىيارەتتە بولماقتا

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما 15-نويابىر كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.

دالاي لاما ياپونىيىدە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلىگەندىن سىرت، ياپونىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي سەيلىگاھىدا زىيارەتتە بولۇش شۇنىڭدەك توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن. بىراق، ئۇنىڭ ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەت قىلماسلىقى شەرت قىلىنغان. بۇ قېتىم دالاي لاما ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ياپونىيىدە كۆرۈشەمدۇ يوق، ئۇنىسى نامەلۇم، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر ئوخشاش ۋاقىتتا گېرمانىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇچراشقان ئىدى.

مۇشۇ كۈنلەردە يەنە خىتاي سوت دائىرىلىرى خىتاي ‏- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خەلقئارا دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق سابىق خادىمى ۋاڭ چىڭچەن، ياپونىيىگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكەن ھەپتىدە " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" نىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 2005 ‏- يىلى ئېلان قىلىنغان" جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىتىنىڭ قۇرۇلۇشى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ سىياسىي، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن جۇڭگودىكى ھەرقايسى دېموكرات گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى مۇستەبىتلىككە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەت ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى، 2007 ‏- يىللىق ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساختا دوكلاتلار دەپ ئەيىبلىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.