ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - يانۋاردىن 11 - يانۋارغىچە)


2008.01.11

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى سۇندى

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ تۆت پارتىيىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېربەك باشلىق 10 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 16 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتقا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت گېرمان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ،تىل ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قوغداش ئاستىغا ئېلىنىشى تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، مەسىلىلەر بىر قەدەر ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى يېشىللار پارتىيىسىگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ئاساسەن يورۇتۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن نۇر بەكرى 2008 - يىلى مۇقىملىقنى كۈچەيتمەكچى

9 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن سۆز قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى ئۈچ خىل كۈچلەر' دىن ھۇشيار بولۇشقا، بولۇپمۇ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا مۇقىملىقنى ئىككىلا قولدا تۇتۇش' قا، 'ھەر ئىككى قول قاتتىق بولۇشقا، 'تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتەرسىلا زەربە بېرىش، ئالدىن قول سېلىش" تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ۋاڭ لېچۈئەن "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشنى يەنە تەكىتلىگەن بولۇپ، مۇئاۋىن سېكرىتار نۇر بەكرىمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتمۇ يىغىن ئېچىپ، 2008 - يىلى مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە سەپەرۋەرلىك قىلدى.

2007 - يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر يىل بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر پراگادا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەن شۇنىڭدەك يەنە ئاق ساراي خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان ئىدى.

قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە يولغا سېلىندى

قاغىلىق ناھىيىسى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 2 - يانۋار كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلارنى ئۇزۇتۇشقا ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم يېزا كادىرلىرى قاتناشقان.

قىزىق يېرى شۇكى، ئىلگىرى پۈتۈنلەي قىزلار ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، بۇ قېتىم 87 نەپەرىنىڭ ھەممىسىگە ئوغۇل بالا تاللانغان. بۇلار قاغىلىقتىن يولغا سېلىنغان 5 - تۈركۈمدىكى ياشلار ئىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىم 16 - يانۋارغا قەدەر ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، ئەرەب خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە سەككىز كۈن زىيارەتتە بولىدۇ. پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇد ئابباس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تېنچلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيە سەپىرى جەريانىدا 2-جاھان ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ماتەم بىلدۈردى شۇنىڭدەك ئۇ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بەزى جەھەتلەردىن يول قويۇشقا چاقىردى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشتى

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىزھار قىلغان. شۇ كۈنى يەنە مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى سابىق پارلامېنت باشلىقى، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن.

بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە د ئۇ ق تەرىپىدىن تەييارلانغان` شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار` ماۋزۇلۇق دوكلاتنى بەردى.

بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلدى

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوز پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. شىتابى ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ يېقىندىن بۇيان بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. 1 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ئۆز شۆبىسىنى قۇرۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئېچىلىش مۇراسىمغا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن جەمى 200 دىن ئارتۇق مۇھاجىر قاتناشتى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھەققانىي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.