ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)


2007.08.31

د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى خادىملىرىدىن ئابدۇللاھ فادىھ قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى پارلامېنتتا 70 ئەزاسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت شاندىر ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تانەر يىلدىز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرغان.

مەزكۇر تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تارىخىي كۈنلەر خاتىرىلەندى

8-ئاينىڭ 27-كۈنى 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنونوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قازا قىلغان خاتىرە كۈنىدۇر. قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى مەلۇم دائىرىلەر بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئىنقىلاب كۈنلىرى ۋە رەھبەرلىرىنى ئەسلىگەن.

گەرچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازا قىلغانلىقىغا 58 يىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلەر تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي كەلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتچىكى، ھاكىم جاپپار، يارۇللابېكوف، ھاشىر ۋاھىدى ۋە ئاسىم باقى قاتارلىق ئەرباپلارغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە ئەمەس بەلكى ستالىن تەرىپىدىن موسكۋادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت سىرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن.

8-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە بىر خاتىرە كۈنى بولۇپ، 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ ئاخۇنوف باشلىق بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى ئاتۇشنىڭ قاراجۇل دېگەن يېرىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئاخۇنوپ باشلىق بەش ئادەم نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ، قالغانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ۋەقە ئاخۇنوپ ۋە مىجىت قوماندانى ۋەقەسى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھازىر شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەقەنىڭ شاھىدى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلىپ، كۆپلىگەن ئادەملەر شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىگە چېتىلىپ جازالانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگە قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان خىتاي ئەمەس مىللەت بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيىلەش سىياسىتىگە يېڭى مەزمۇنلار قېتىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي، ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق سەككىز شەھەردىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يىراق چەت جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس تەربىيىلەيدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىپ، 9-ئايدىن ئېتىبارەن ئوقۇش باشلاشنى قارار قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى قۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پەيدا قىلدى شۇنىڭدەك تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن بالىلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا يولغا سېلىنغان.

تۈركمەنىستان يېڭى تەبىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

تۈركمەنىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف، چارشەنبە كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە سوزۇلىدىغان، تەبىئىي گاز لىنىيىسىنى قۇرۇشنى باشلىغان.

بۇ كېلىشىم بەردىمۇھەممەدوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئىككىسى ئارىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، تۈركمەنىستان خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە رازى بولغان ئىدى.

تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى قويۇپ بەردى

تالىبانلار جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئالتە ھەپتە داۋاملاشقان سۆزلىشىش ئارقىلىق، 8 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 19 نەپەر كورىيىلىكنى قويۇپ بەردى.

30-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلارنىڭ سەككىزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كورىيە بىلەن تالىبانلار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەنگەن بولۇپ، تالىبانلار كورىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەمدە دىن تارقىتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان سايلامغا نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى. سايلام ئەھلىنىڭ سايلىشى نەتىجىسىدە ئادىلجان ئەپەندى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

نورۋېگىيە گېرمانىيىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كۆپىيىشكە باشلىغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.