ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەقىب سەۋەبىدىن ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانى بولمىغان شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەر ئېلىش شارائىتى بولمىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەستە دىللىرىغا ئازراق بولسىمۇ ئارامبەخشلىك ئاتا قىلغۇچى كۈنلەرنىڭ بىرى بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمى بولدى. يەنە كېلىپ بۇ يىللىق ھېيتنىڭ ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىشى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان بىر قىسىم شتاتلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇش ئۈچۈن 11-ئاۋغۇست كۈنى سەھەردىلا ۋاشىنگتونغا ئانچە يىراق بولمىغان فايىرفاكس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورى» نىڭ پائالىيەت زالىغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم راسلانغان زالدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە دوپپىلار ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلەر بۇ يەرگە توپلىنىۋاتقان جامائەتنىڭ ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلاردىن ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر ئىسلام جامائىتى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرەتتى. دەسلەپ كەلگەنلەر ناماز ۋاقتىنى ساقلىغاچ ئەنئەنە بويىچە ھېيت تەكبىرى ئېيتىپ، بۈگۈنكى خاسىيەتلىك بايرامنىڭ تەنتەنىسىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.
جامائەت ئاساسەن يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن بۈگۈنكى ھېيت نامىزىنىڭ ئىمامى، ۋىرجىنىيە شتاتىغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەنقەر ھاجىم ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ھەمدە جامائەتكە باش بولۇپ نامازنى باشلىدى.
نامازدىن كېيىن ئەنقەر ھاجىم دىنىي سۈننەتكە ئاساسەن خۇتبىگە چىقىپ ئالدى بىلەن «قۇربان ھېيت» ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا ھېيت كۈنى شارائىتى يار بەرگەندە يېڭى كىيىم ياكى ئەڭ چىرايلىق ۋە پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ ھېيت نامىزىغا جەم بولۇش، بۇ كۈندە مۇھتاجلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە دىنىي نۇقتىدىن مەلۇمات بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭلا قېرىنداش بولۇپ قالماستىن، مەيلى دىنىي ياكى ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ ئۇشبۇ خاسىيەتلىك ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ھەر جايدىن كېلىپ مۇشۇ جايغا توپلانغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر-بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل قېرىنداشلىقنىڭ خۇددى بىر پۈتۈن تەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدەك بىر-بىرىگە زىچ باغلانغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ خىل قېرىنداشلىقنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمىي ھادىسىلەردىن بولغان مېھرىبانلىق ئۈستىگە بەرپا قىلىنىشى لازىملىقىنى، بۇ خىل مېھرىبانلىقنىڭ بولسا ئۆزئارا ئۇيۇلتاشتەك بىرلىشىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئەنقەر ھاجىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ھەدىسلەردىن ۋە «قۇرئان» ئايەتلىرىدىن مىسال كەلتۈرگەن ھالدا ئىختىلاپنىڭ قايسى شەكىلدە مەغلۇبىيەت، مەھكۇملۇق ۋە خارلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەبلىغى ناماز ئەھلىنى چوڭقۇر ئويغا سالغان ئىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى ھېيت نامىزىنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق پىداكارلارغا تەشەككۈر ئېيتقاچ، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماسلىقى لازىملىقىنى، چۈنكى ئاللانىڭ ھەرقاچان ھەق ۋە ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانچە ئېغىر زۇلمەتنىڭمۇ ھامان ئاخىرلىشىپ، ھەققانىيەتنىڭ قاباھەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
نامازنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئەنقەر ھاجىغا ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئانا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان، مېھرىبان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ئامان بولسۇن» دەپ باشلىغان تولىمۇ تەسىرلىك دۇئاسى جەرياندا ھەممىلا كۆزلەردىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى، دىماغلار ھەسرەتلىك پىغانلاردىن ئۆرتەندى.
نامازدىن كېيىن نامازغا كەلگەن نەچچە يۈز جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى خالىس تەييارلىغان تۈرلۈك مېۋە-چېۋىلەر ۋە ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ناشتا قىلدى. ناشتىلىق جەريانىدا بىر قىسىم ياشلارنىڭ ساماغا چۈشۈشى جامائەتكە قىسمەن بولسىمۇ ھېيت شادلىقى ئاتا قىلدى.
ئارىلىقتا بىز بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەننى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ «ئازادلىققا چىققانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ «ھېيت خوشاللىقىنىڭ باشلىنىشى» دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەچ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركى ئۆز قولىغا ئۆتمىگۈچە بىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى خۇشاللىق بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
نامازدىن كېيىن بىز ئەنقەر ھاجى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبەت جەريانىدا نۆۋەتتە بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ سۆز قىلىۋاتقانلىقى، بۇنى ئىسلام دىنى بىلەن قانداق باغلاش ھەققىدە توختالغان ئەنقەر ھاجى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى چۈشىنىشتە «ئىسلام» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان ئەرەب ياكى باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار» دېگەن ئىلاھىي ھۆكۈمگە پۈتۈنلەي زىت قىلمىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ يىلقى قۇربان ھېيت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالاھىدە تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ قۇربان ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنداقلا بۇ كۈننىڭ ياخشىلىق يولىدا سەدىقە بېرىدىغان ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەچ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا «ھېيت مۇبارەك» دېگەن ئاددىي، ئەمما سەمىمىي تىلىكىنى يوللىدى.
0:00 / 0:00