3-ماي كۈنىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ ئالدىدىكى ساما كۆرۈنۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قەشقەردىكى بىر ساقچى خادىمى، ساما ئويناۋاتقانلارنى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىللىگەنلىكى؛ مۇزتاغ ۋە دوڭخۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ساما ئوينىغانلارغا 120-150 يۈەن ئارىسىدا پۇل تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈنۈگۈن، يەنى 3-مايدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مىڭلارچە كىشىنىڭ ھېيتگاھ ئالدىدا ساماغا چۈشكەن كۆرۈنۈشى تارقالدى. ئەجەبلىنەرلىكى 6 يىلدىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان بۇ جانلىق كۆرۈنۈشتە، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىشىكى ئوچۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مەسچىتكە كىرىپ چىقىۋاتقانلار، بولۇپمۇ ناماز ئوقۇۋاتقانلار كۆرۈنمەيتتى. بىز بىز ھېيتگاھ ئالدىدا تاسادىپىي پەيدا بولغان بۇ قاينام تاشقانلىقنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، قەشقەردىكى بىرقىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئەزەلدىنلا ھېيت نامىزىغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرى ھېيت نامىزىغا بارمىغىنى 10 يىلچە بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئىلگىرى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، 2016- ۋە 2017-يىللىرى مەلۇم ئورۇنلاردىن تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىغان كۈنلەردە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كىشىلەرنى مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا تەشكىللىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇ بۈگۈن، 4-ماي كۈنى ھېيتگاھ ئالدىدىكى مەزكۇر كۆرۈنۈشنىڭ ئاھالىلەر كومىتېت تەرىپىدىن تەشكىللىگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاھالىلەر كومىتېتى يېقىنقى يىللاردا «ئاھالىلەرنى بىر تېلېفوندا يىغىش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم بويىچە ئاھالىلەر بىرەر پائالىيەتكە تېلېفون ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق دەۋەت قىلىنغاندا 20 مىنۇت ئىچىدە نەق مەيداندا پەيدا بولۇپ بولۇش شەرت قىلىنغان. شۇڭا زۇمرەت داۋۇت، ھېيتگاھ ئالدىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئەنە شۇ تۈزۈمنىڭ ئىجراسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئۆزلىرىگە بۇ يىل ھېيت نامىزىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلمىگەنلىكى، چۈنكى ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇشنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ توختىغانلىقى، مەسچىتنىڭ پەقەت ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلىگاھى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن ھېيتگاھ ئالدىدىكى ساما ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، بۇنى ئاھالىلەر كومىتېتى تەشكىللىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزى ساقچىخانىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھېيتگاھ ئالدىغا بارالمىغان، ئەمما بېرىپ كەلگەن خىزمەتداشلىرى، سامانى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى بايان قىلغان. يەنى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھېيتگاھ مەيدانىدا بىرقىسىم ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنى ئۇچراتقان؛ ئۇ خادىملار ئۇ يەرگە ئادەم تەشكىللەپ ئەكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر خادىم، مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئۆزى تونۇشىدىغان مۇزتاغ ۋە دوڭخۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ساماغا 500-600 چە كىشىنى ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ دېيىشىچە، 2017-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ئاھالىلەر كومىتېتى تەرىپىدىن مەسچىتكە ئاپىرىلغاندا، مەسچىتتە بىر كۈن تۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن قولىغا 100 يۈەن پۇل تۇتقۇزۇلغان.
تۈركىيەدىكى توققۇزاقلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق يۇرتىدىن ئىگىلىگەنلىرىگە ئاساسەن، مەزكۇر ساماغا ئېلىپ چىقىلغان بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساماغا ۋەزىپە سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى، ساماغا قاتناشقان يەنە بىرقىسىم كىشىلەرگە يېرىم كۈنلۈك ئىش ھەققى بېرىلگەنلىكى ۋە زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ، تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇققا ئاساسەن كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى، مۇزتاغ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ساماغا قاتناشقانلارغا 120-150 يۈەن ئارىسىدا پۇل بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھېيتنىڭ ئالدىدا ساماغا چۈشىدىغانلار ھەققىدە بىر تىزىملىك تۇرغۇزغانلىقى ۋە ئۇ تىزىملىكىنى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىناسىدا تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزى كۆرگەن بىر تىزىملىكتە، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق بىنانىڭ ھەر بىر قەۋىتىدىن ئاز دېگەندە 3-4 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ يەنە ساما ئوينىغانلارنىڭ كەيپىياتى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزى ياشلار ساما ئويناشنى سېغىنغانلىقىدىن خۇشاللىق بىلەن ئوينىغان بولسا، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ساما ئوينىغاندا ئۆزىنى جانلىق ۋە خۇشال تۇتۇشقا تىرىشقان.
مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، 2017-يىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى يۇرت زىيارەتلىرى داۋامىدا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تەييارلانغان سۈنئىي سەھنىلەرنى كۆپ قېتىملاپ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بىر قېتىمدا، ئۇنىڭ ئوغلى مەھەللە باشلىقىنىڭ بىر تېلېفونىدىن كېيىن كاتىكىدىكى توخۇلارنى سىرتقا ئېلىپ ماڭغان. ئۇ ئوغلىدىن نەگە ماڭغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئوغلى مەھەللىدىكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىغانلىقى، شۇلارغا مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئەتراپتىن مال-ۋاران توپلاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قولىدىكى توخۇلارنى ئەنە شۇ ئۆي ئىگىسىگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا ناماز ئوقۇغانلار ئاساسەن دېگۈدەك جازاسىز قالمىغاچقا، 2020-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى، ھېيت مەزگىللىرىدە ناماز چەكلىمىلىرىنى بىرئاز يۇمشىتىپ باققان، ھەتتا بەزى تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىغان مەزگىلدە بەزى مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئاھالىلەرنى ناماز ئوقۇشقا مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈپ باققان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر مەسچىتكە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان؛ نەتىجىدە ئاھالىلەر كومىتېتى بەزىدە بۇيرۇق، بەزىدە پۇل بېرىش ئارقىلىق، ناماز ۋە سامانىڭ سۈنئىي سەھنىلىرىنى پەيدا قىلغان.
يۇقىرىدا قەشقەر ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا ئوينالغان سامانى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىگەنلىكى، ساما ئوينىغانلارنىڭ بىرقىسمىغا 120-150 يۈەن ئارىسىدا پۇل بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.