ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ(UHRP)، 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «داخۇئانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى» ناملىق يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، داخۇئا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئاممىۋى كۆزىتىش پروگراممىلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان. بۇ شىركەت ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەتنى ئاممىۋى كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە يۈز تونۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە بىۋاسىتە باشقۇرغان.
دوكلاتتىكى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىش ۋە نىشانلاش ئۈچۈن داخۇئا كامېراسىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلار داخۇئا كۆزىتىش كامېراسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قولغا ئېلىشنى نىشانلىغان. كامېرا تورى ئەگەر نازارەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇيغۇرلار بايقالسا، ساقچىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتىش ئۈچۈن تەڭشەلگەن.
بۇ تېخنىكا داخۇئا كامېراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكىنى بايقاش ۋە «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇشى» دەپ ئاتالغان سىگنال ۋە ئۇچۇرلارنى ساقچىغا ئەۋەتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
دوكلاتتا خۇلاسە قىلىنىشىچە، داخۇئا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىتىۋاتقان كۆزىتىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەشغۇلاتقا بىۋاسىتە قاتناشقان. داخۇئا كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش قوراللىرىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئاكتىپ قاتناشقان. داخۇئا كۆزىتىش تېخنىكىسىنى قوللانغانلار بۈگۈنكى كۈندە، ئېغىر بىخەتەرلىك ۋە ئەخلاق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن، شۇنداقتىمۇ داخۇئا كۆزىتىش تېخنىكىسى جازاغا قارىماي ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلمەكتىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جېجياڭ داخۇئا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (浙江大花技术 جېجياڭ داخۇئا جىشۇ) جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان نازارەت قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال شىركىتىدۇر.
دوكلاتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، داخۇئا بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇلار سىن كۆزىتىش كامېراسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى سۇپىسى ئەسلىھەسى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، سىستېما ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، داخۇئا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 1 مىليارد 380 مىليون خەلق پۇلى (19 مىليون 900 مىڭ دوللار) تولۇقلىما ئالغانىكەن.

2017-يىلى، داخۇئا ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدە تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت باغچىسى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا داخۇئانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بەش تارماق شىركىتى بار. ئۇلارنىڭ ئىككىسى قەشقەردە بولۇپ، يەنە خوتەن، شىخەنزە ۋە سانجىدا بىردىن شىركىتى بار ئىكەن.
سىن كۆزىتىش تەتقىقات شىركىتى ئىنتېرنېت كېلىشىم سىن بازىرى (IPVM) نىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داخۇئا ۋە Hikvision ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت-خۇسۇسىي شېرىكلىكنى نازارەت قىلىش تۈرىدە 7 مىليارد خەلق پۇلى (1 مىليارد دوللار) غا ئېرىشكەن. -2019 ۋە -2020 يىلىدىكى، بىر نەچچە داخۇئا ھۆججىتىدىن بايقىلىشىچە، بۇ تۈرلەر چىراي تونۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلىيالايدىغان يۇمشاق دېتالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
داخۇئا، Hikvision دىن كېيىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆزىتىش تېخنىكىسىدىكى بازار ئۈلۈشىگە ئىگە. ئۇنىڭ يەرشارى بازىرىدىكى كۆلىمى يەنىلا ئېشىۋاتقان بولۇپ، داخۇئا 180 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى سىن كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىكەن. داخۇئانىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 200 دىن ئارتۇق ئىشخانىسى بار. ھازىر ئۇنىڭ 57 شۆبىسى ۋە ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 دىن ئارتۇق زاپچاس مەركىزى بار ئىكەن.
خىتاينىڭ داخۇئا ۋە Hikvision قاتارلىق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشقانلىقى، مەتبۇئاتلاردا كۆپ قېتىم پاش قىلىنغان ۋە تەنقىدكە ھەمدە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
دوكلاتتا يەنە، بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى داخۇئاغا قانداق سودا چەكلىمىلىرىنى قويغانلىقىغا مىساللار كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتىكى سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ۋىيېتنام، مېكسىكا، ئەنگلىيە ۋە بىرازىلىيە دۇنيادىكى داخۇئا كامېرا تورى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى «ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىلا خىتاينىڭ Hikvision ۋە داخۇئا كامېرالىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە 6 يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ» دەيدۇ.
ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە «داخۇئانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بۇ كۆزىتىش تېخنىكا ۋە سىستېمىسىنى ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، چەكلەنگەندىن كېيىنمۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت بىناسىدا 3000 غا يېقىن Hikvision ۋە Dahua كامېراسى تېپىلغانىكەن.
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنىڭ پەقەت فېدېراتىپ سەۋىيەدىلا قوللىنىلىشىدىن، شەھەر ۋە دۆلەت قاتلىمىدا ئىجرا قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جازا يوق خەلقئارا بازارلارمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۆمەر ئەپەندى ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى باج تۆلىگۈچىلەرنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان خىتاي يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى چەكلەش توغرۇلۇق تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئۆمەر ئەپەندى، گەرچە بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ بېيجىڭدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈۋاتقان باشلىقلار يىغىنىغا توغرا كېلىشى تاسادىپىيلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى ئەللەرنى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ داخۇئادەك شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈمىدىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«داخۇئانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتنى ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى، نازىگۇم سېتىۋالدى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات ھەمراھى ۋە USAHello نىڭ مەزمۇن دىرېكتورى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەزكۇر يېڭى دوكلاتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، نۇرغۇن مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.