ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» خىلتون شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنىشى پىلانلانغان خىلتون مېىھمانخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى ۋە قۇرۇلۇشنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف» گېزىتىىڭ مۇخبىرى خوتەننى زىيارەت قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسچىتنى چېقىۋېتىپ، ئورنىغا خىلتون مېھمانخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ سودا مەركىزى سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
رادىيومىز ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، بۇ مەسچىتنىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى دۇلىڭ مەسچىتى يەنى لەنگەر ئىتتىپاق مەسچىتى ئىكەنلىكىنى مۇەيەنلەشتۈرگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ مۇاۋىن دىرېكتورى ئېدۋارد ئەخمەد مېشېل 15-ئىيۇن باش شتابى ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى «خىلتون يەر شارى» شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كرىستوفېر ناسېتتاغا خەت يېزىپ، ئۇنى «خىلتوننىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقنى جازالاشنى توختاتمىغىچە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىىش ئارقىلىق تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا» چاقىرغان.
ئېدۋارد ئەخمەد مېشېلنىڭ ئېيتىشىچە، خىلتوننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىۋاتقان بىر جايدا مېھمانخانا ئېچىشى «ئەخلاقسىزلىق» ۋە «قانۇنسىزلىق» ئىكەن.
ئۇ 16-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتقان بىر جايدا مېھمانخانا قۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەخلاقسىزلىق شۇنداقلا قانۇنسىزلىق. بۇ قانۇنسىزلىق بولۇشى كېرەك. بىز دائىم ھەرگىز قايتىلانمايدۇ، دەپ كەلدۇق. بىراق بىز بۇ سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرمىدۇق. چۈنكى، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەھشىلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرۇپ يول قويدۇق.»
ئېدۋارد ئەخمەد مېشېل يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىلتون توغرا ئىش قىلىشى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى بىكار قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى داۋاملاشتۇرسا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ» دىدى.
خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ ئىنكاس بىلدۈردى. بۇ ئورگان 16-ئىيۇن رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا «خىلتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان دەپسەندىچىلىكىدىن، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلغان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
بۇ ئورگاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىلتوننىڭ بۇنىڭدىكى «مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرى تۈركەل: «خىلتوننىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇنىڭ دەۋاتقان گېپى بىز يەرلىك شىركەتلەر بىلەن قىلىۋاتىمىز، دەيدۇ. لېكىن يەرلىك شىركەتلەر بىلەن تىجارەت قىلغاندا›ۋەتىڭ‹، دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. بۇ يەرلىك قايسى تىجارەتنىڭ، قايسى شىركەتنىڭ قانداق يەرگە باغلانغانلىقىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، مالىيە ئەھۋالىنى، بۇ شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ھەمكارلىشىدىغان ئىش بار» دېدى.
نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئامېرىكا سودا ساھەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئىكەن. بىراق ئۇ نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىكەنلىكى، تېخى ئويغانمىغانلىقى، ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يەنە بىر يېڭى سودا مەسلىھەتى ھۆججىتى تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشىلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت س. مىككاۋنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئەگەر خىلتون بۇ قۇرۇلۇشنى توختاتمىسا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى يېپىشقا ياردەملەشكەن بولىدىكەن. ئۇ 16-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «بۇنى توختاتمىسا ئۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدىن پايدا تاپقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېپىشقا ياردەملەشكەن بولىدۇ.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىشى كېرەك ئىكەن. روبېرت مىككاۋ: «ئەگەر خىلتون يەرشارى ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۆزىنىڭ پىلانىنى داۋاملاشتۇرسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدا ئېلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن خىلتوننىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىشى كېرەك» دىدى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 16-ئىيۇن «خىلتون يەر شارى ھەسسىدارلىق شېركىتى» نىڭ باش شتابىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، بىراق بىزنىڭ سۇاللىرىمىزغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇلارنىڭ جاۋابى ھازىرغا قەدەر كەلمىدى.
«ئامېرىكا ئسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد ئەخمەد مېشېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىلتون بۇ قۇرۇلۇشنى توختاتمىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى مېھمانخانىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى قوزغىشى مۈمكىن ئىكەن.
ئۇ: «خىلتوننىڭ پۈتۈن ئامېرىكادا مېھمانخانىلىرى بار. ئەگەر توغرا ئىش قىلىشنى خالىمىسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتقان جايغا مېىھمانىانا سېلىشنى توختاتمىسا، ئامېرىكا خەلقى خىلتون مېھمانخانىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خېرىدارلارغا بۇ شىركەتنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن باشقا مېھمانخانىدا يېتىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشى مۈمكىن. لېكىن بىز ئىشنىڭ بۇ نۇقتىغا بارماسلىقىنى، خىلتوننىڭ توغرا يولنى تاللىشىنى ئۈمىت قىلىمىز» دىدى.