ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە دوستلۇق ئورنىتىش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

ھەر مىللەتنىڭ ياشلىرى شۇ مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەنتەربىيە ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش، ئۆز-ئارا دوستلۇق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتاب قىلىپ؛ «مۇسابىقىنى بىرىنچى، دوستلۇقنى ئىككىنچى ئورۇندا قويۇپ ئەمەس، دوستلۇقنى بىرىنچى، مۇسابىقىنى ئىككىنچى ئورۇندا قويۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇسابىقە ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان 16 كوماندا ۋە 160 ئەزانىڭ قاتنىشىشى بىلەن 6-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي باشلاندى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆكبايراق ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

تاھىر كۆكبايراق سۆزىدە، بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئۆز-ئارا تونۇشۇش سورۇنى تەييارلاش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، بىرلىك، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق شۇ نىشانغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قارشى رەقىبلەر ئارىسىدا ئەمەس، دوستلار ئارىسىدا قېرىنداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوينىلىۋاتقان مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە يەڭگەن ياكى يېڭىلگەن ھەممىسىنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقىنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كۆڭۈللۈك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىس ۋەكىلى دوكتۇر دىلشات بارىشچى سۆز قىلىپ، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان پۈتۈن پۇتبول ماھىرلىرىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، مۇسابىقىنىڭ دوستلۇق ئىچىدە نەتىجىلىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇسابىقە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ ھەر كۈنى 4 كوماندا ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقە قىلىدىكەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

تاھىر كۆكبايراقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرىدا بىرىنچى بولغان كوماندىغا 5000 تۈرك لىراسى، ئىككىنچى بولغان كوماندىغا 3000 تۈرك لىراسى، ئۈچىنچى بولغان كوماندىغا 2000 تۈرك لىراسى نەق پۇل ۋە لوڭقا قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار مۇكاپاتى بىرىلىدىكەن.

5-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول ئايلانما مۇسابىقىنىڭ 7-ئاۋغۇست كۈنى ئوينالغان مۇسابىقىسىدە ئەينەك كوماندىسى ئۇدۇن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. لېكىن پۇرسەت تۇتۇشتا ئۇدۇن كوماندىسى كۆپ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئەينەك كوماندىسى بولسا قاتتىق تىرىشچانلىق بىلەن ئوينىدى. ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا قىزىل كارتا جازاسى بىلەن بىر ئادەم كەم ئوينىغان شارائىتتا ئۇدۇن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

يېڭى قۇرۇلغان ياشلار مەركىزى كوماندىسى ئاقئوردا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئاق ئوردا كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۈگۈنكى ئاخىرقى مەيدان ئىسمى-جىسمىغا لايىق كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى بولدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاتىللا كوماندىسى ئۆتكەن ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككىنچى بولغان كۈچلۈك كوماندا ئىلى مەشرىپى كوماندىسى بىلەن ئوينىدى. مۇسابىقە تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى. ئالقىش سادالىرى ئاستىدا ئىككى تەرەپ ئەڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوينىدى. نەتىجىدە بۇ مۇسابىقىگە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاتىللا كوماندىسى 3-5 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇسابىقە ھەر كۈنى كەچتە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ 16-ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىپ 1-2-3-بولغان كوماندىلارغا «ھۇررا ئۇيغۇر» لوڭقىسى ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

بىز بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا بىر قىسىم ياشلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئەينەك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سەردارجان، بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ كوللېكتىپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان پۇتبولغا ئوخشاش تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشتا ئەھمىيىتى كۈچلۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى ئەبۇبەكرى، بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يەڭسىمۇ، يېڭىلسىمۇ ئاخىرغىچە يۇقىرى كەيپىياتتا مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن كۈچىگەن رېپېرلارغا، توختىماي ماھىرلارنى ئالقىشلاپ ھۇررا توۋلىغان تاماشىبىنلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.