ئۆزتۈرك ئەپەندى: پۇتبول مۇسابىقىمىزنىڭ مەقسىتى بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىش ۋە مىللىي روھىمىزنى ئۇرغۇتۇشتۇر

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.08.26
hurra-putbol-turkiye-2 ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۇررا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھۇررا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» 8-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك ئەپەندى، «مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىشى ۋە مۇسابىقىگە كەلگەن تاماشىبىنلارغا مىللىي روھنى ئەسلىتىشى ھەممىدىن مۇھىم، بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇدۇر» دېدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۇررا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئۇ يەنە تەنتەربىيە ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدا دوستلۇق ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇسابىقىدە تەنتەربىيە ئارقىلىق بىرلىشىشنىڭ ۋە دوستلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق، بىز بۈگۈن بۇ يەردە پەقەت تەنھەرىكەتچى ۋە پۇتبولچىلا بولۇپ قالماستىن يەنە بىر بىرىمىزنى قوللايدىغان ۋە ئورتاق قىممەت قاراشنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان ياشلار ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلماقتىمىز. بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىمنىڭ ياكى قايسى كوماندىنىڭ توپنى ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈش بولۇپلا قالماستىن بىز مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۆتۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى شۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىش ۋە مۇسابىقىگە كەلگەن تاماشىبىنلارغا مىللىي روھنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت. مەيداندا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق، قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك ھەممىمىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى ۋە ھاياجانلاندۇردى».

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۇررا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە 150 ئۇيغۇر ياشتىن تەركىب تاپقان 12 كوماندا قاتنىشىپ ئايلانما مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 4 كوماندىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 10 كۈن داۋاملاشقان مۇسابىقە ئاخىرىدا «ئوقۇ ئۇيغۇر» كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، «ئىلى مەشرىپى» كوماندىسى 2-بولدى، بۇغرا كوماندىسى 3-لىككە ئېرىشتى.

ئىمام ھەسەن ئۆزتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى» چېمپىيون بولۇپ لوڭقا، مېدال ۋە 12 مىڭ تۈرك لىراسى نەق پۇل بىلەن، «ئىلى مەشرىپى» كوماندىسى لوڭقا، مېدال ۋە 8مىڭ تۈرك لىراسى نەق پول ۋە «بۇغرا كوماندىسى» لوڭقا، مېدال ھەم 6 مىڭ تۈرك لىراسى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۇررا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

«ھۇررا پۇتبول مۇسابىقىسى» دا ئەينەك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سەردار زاغئوغلۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى دەپ باھالانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا لوڭقا مۇكاپات بېرىلدى.

«ئىلى مەشرىپى» كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى (ئىشىك قوغدىغۇچىسى) مۇستاپا ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار دەپ باھالىنىپ ئۇمۇ ئوخشاشلا لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى.

ئىمام ھەسەن ئۆزتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ھۇررا پۇتبول لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلانغان بولۇپ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخىرلاشقان، بۇ جەرياندا پۇتبولچى ياشلار جەمئىي 22 سائەت توپ ئوينىغان بولۇپ، دوستلۇقنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان ئاساستا، تالاش-تارتىش ياكى ئىتتىرىش بولماستىن ناھايىتى جانلىق تەرتىپلىك شەكىلدە ئوينىغان.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۇررا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 24-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك ئەپەندى بۇ يىلقى پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن ئۆتكەن يىلىدىكى مۇسابىقىدىكى ئوخشاشمايدىغان پەرقلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل باشقا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا پەرقلىق ھەم ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ يىل ئۇيغۇر ياشلاردىن 4-5 كوماندا يېڭىدىن قۇرۇلۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولدى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 17-20 ياش ئارىسىدا 100 گە يېقىن ياش قاتناشتى ۋە يېڭى قېتىلغانلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى جانلىق ۋە ياخشى شەكىلدە ئوينىدى».

ئىمام ھەسەن ئۆزتۈرك ئەپەندى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇشتىن باشقا يەنە تىكتاك توپ مۇسابىقىسى، ۋالىبول مۇسابىقىسى، سۇ ئۈزۈش ۋە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان «ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى» نىڭ پۇتبول ماھىرى ئابلەت تەشنا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، توپ ئويناش جەريانىدا يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىدىن ۋە كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز يەنە مۇسابىقىدە 3-دەرىجە بولۇپ مۇكاپاتلانغان بۇغرا كوماندىسىنىڭ پۇتبول ماھىرلىرىدىن ياسىنجان سايرام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ 3-بولۇپ مۇكاپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ يىلقى مۇسابىقىگە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ياشلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولدى، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز چوڭ بولۇپ سەۋىيەلىرىمۇ ئېشىپ ياخشى يېتىشىپتۇ، ياشلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىدە ياخشى توپ ئويناپ بەرگەنلىكىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق داۋاملاشقۇسى»، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.