كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا 18 يىل بولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.04.02
huseyin-jelil-amnesty.jpg خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىش توغرىلىق باياناتىدا ئىشلىتىلگەن سۈرەت.
amnesty.ca

ئون سەككىز يىل ئىلگىرى، يەنى 2006-يىلى مارتتا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئايالى كامىلە تېلېندىبايېۋا ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغان. شۇ يىلى 27-مارت ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى ئۇنى قولغا ئالغان. ئەينى ۋاقىتتا كانادا ئەمەلدارلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىدا زىيارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما 2006-يىلى 6-ئايدا، ھۈسەيىن جېلىل خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھۈسەيىن جېلىل 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «تېررورلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقان» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاش سۇيىقەستى بار» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن سوت ئۇنىڭ جازاسىنى 19 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن.

20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بۇ دېلوغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. لېكىن خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىل تا بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتماقتا.

2021-يىلى خىتايدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىدىن مايكول كوۋرىگ ۋە مايكول سپاۋور كاناداغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەمما پاكىتسىز ئەيىبلەش بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.

ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تېلېندىبايېۋا. 2007-يىلى 26-ئاپرېل، كانادا.
ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تېلېندىبايېۋا. 2007-يىلى 26-ئاپرېل، كانادا.
REUTERS/Chris Wattie

كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالىنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەسكەرتىپ تۇرغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ كانادا ھۆكۈمىتىگە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. ئەمما ئۇلار ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئالاقە قىلغىنىمىزدا، بىز بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلدى. بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 18 يىللىق ئۈمىدسىزلىك كامىلە خانىمنى چارچاتقان.

مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 18 يىلدىن بۇيان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) يېقىندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ يىتەرسىز بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى خۇلاسىلەپ بىر ماقالە يازغان. ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكنىڭ 20 يىللىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىلدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك بولغان بارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسى تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىغا ئوخشاش غايىب بولدى. قارىغاندا خىتاي تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمغا پىسەنت قىلمايدىغاندەك تۇرىدۇ».

ئۇ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قانداقلا بولمىسۇن ھەرىكەت قىلىشنى توختاتماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتايغا خەلقئارادىن ئورتاق بىر بېسىم چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. كانادا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قېلىشى كېرەك، چۈنكى ھۈسەيىن جېلىل 2001-يىلى كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا 2005-يىلى كانادا ۋەتەنداشلىقى بېرىلگەن. ئەسلىدە خىتاينىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلماسلىقىغا كانادا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. كانادالىق ئىككى مايكېل كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كانادا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ھەل قىلىندى. ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغىمۇ ئوخشاش شەكىلدە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. ھۈسەيىنمۇ كانادالىق، ئۇنىڭغا كانادا پۇقراسىدەك مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. كانادا تېخىمۇ قاتتىقراق بېسىم قىلىشى كېرەك. ماقالەمدە تىلغا ئالغاندەك، ھۈسەيىن ‹ئۇنتۇلغان كانادالىق› بولۇپ قالدى».

مەمەت توختى ئەپەندى 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ھۈسەيىن جېلىلنى قەشقەردە بىر پائالىيەتتە سۆزلەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ راستتىنلا «ئۇنتۇلغان كانادالىق» سۈپىتىدە ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكنى ئەسكەرتتى.

ھېنرى شاجىۋىسكى يەنە 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيان ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننى تىلغا ئېلىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ ھۈسەيىن جېلىلدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ تېزرەك ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى زەينۇرە خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ماراكەش تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۈسەيىن جېلىل ۋە ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلولىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار گەرچە خىتاي چېگراسىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.