ئېتان گۇتمەن: ‹ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللاش ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.05.10
Ethan-Gutmann ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىندا، ئامېرىكالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى ۋە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمەن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 20-مارت، ۋاشىنگتون
RFA/Shehrizad

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) ئەزالىرىدىن كىرىس سىمىس (Chris Smith) ۋە ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) قاتارلىقلار ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا سودىسىغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇلار مەكتۇپىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خىرىستىيان ۋە فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى نىشان قىلغان ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنى توختىتىش، بېيجىڭنىڭ 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بۇ رەزىل مەنپەئەت سودىسىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنىدى.

7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «قانداقلا بولمىسۇن، بىز دۇنيا مىقياسىدا ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈشكە بولغان ئېھتىياج ۋە خىتايدا ئادەم ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىلغانلىق ئىسپاتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرگەن ياكى بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن بىرىنچى قول ئۇچۇر ئىگىلەشكە جىددىي ئېھتىياجىمىز بار. بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش پىروگراممىسىنى يولغا قۇيۇش كېرەك» .

بۇنىڭ ئالدىدا، 2024-يىلى 20-مارت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋاشىنگتوندا «ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشنى توختىتىش» ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرغانىدى.

بۇ يىغىندا، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقنىڭ قۇربانى بولۇش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمەن (Ethan Gutmann)، ماساچۇسېست تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى مايسەم مۇتەللىپوۋا قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

ئېتان گۇتمەن مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، 2016-يىلىدىن بۇيان لاگېرلاردا «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ساغلام كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ «ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشانلىرى» غا ئايلانغانلىقىنى، ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىغا نىشان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 2023-يىلى ماقۇللانغان ‹ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› كېڭەش پالاتاسىدا تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا توختاپ قالغان. ئامېرىكا بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئادەم ئورگىنى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئورگان ئىئانە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن؛ شۇنداقلا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئادەم ئورگانلىرى يىغىش ھەم ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قاتنىشىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن.

 خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتان گۇتمەن ئەپەندى، 8-ماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا يازغان مەكتۇپىنى بۇ ساھەدىكى بىر ئىلگىرىلەش دەپ ئالقىشلىدى. ئۇ يەنە بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ ئۆزى ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى چاقىرغان «ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش توختىتىش» يىغىنىدا بەرگەن گۇۋاھلىق ۋە تەكلىپلەرنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى سىياسەت ساھەسىدە چەكلەش تەدبىرى ھېسابلانغان قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىغا يوللاپ بېرىلگەن بولسىمۇ بىر يىلدىن بۇيان تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا توختاپ قالدى. بۇ قانۇن ماقۇللىنىشى كېرەك. بىلىنكېنغا يوللانغان خەتتىمۇ بۇ تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى، ئەمما فالۈنگۇڭ مەھبۇسلىرىنى ئورگان يۆتكەشكە ياش جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، نىشانىنى ئۇيغۇرلارغا يۆتكىدى. 15 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ قان ئۆرنىكىنى ئېلىپ تەكشۈردى، خىتايلارنىڭكىنى ئەمەس، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭكىنىلا تەكشۈرۈپ، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغدى. خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم بۇ ھەقتە ناھايىتى مۇھىم بىر دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور بولغان گېن ئەۋرىشكە (DNA) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بەرپا قىلىپ چىققان، بۇنىڭغا كۆپلىگەن بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى ھەمدەمدە بولغان، شۇنداقلا خىتايغا 10 مىليوندىن ئارتۇق گېن ئەۋرىشكىسى يىغىش ئەسۋابىنى ساتقان» .

ئېيتان ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى دېدى:

 «مەن دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلىق دوكلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بىر قانچە يىللىق تەكشۈرۈش ۋە گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلىپ يەكۈنلىگىنىم بويىچە، 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان، شۇنىڭدەك ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ ‹ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشانلىرى› دەپ قارىلىدىغان لاگېر تۇتقۇنلىرى يېرىم كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنچە غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدىم. 2017-تىن باشلاپ ھېسابلىساقمۇ، 2023-يىلغىچە ھەر يىلى 25 مىڭ ساغلام ئۇيغۇر ياش ئاشۇ ئۇسۇلدا خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ نىشانى قىلىنماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۇنىڭدىنمۇ جانلىق ھالدا كۆز ئالدىمىزدا سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان بىر مەنزىرە يوق. بۇ ئاشكارا ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توختىتىشتا، ئامېرىكانىڭ سىياسەت ساھەسىدە ئالىدىغان مۇھىم بىر قەدىمى ‹ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› نى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشتۇر».

2020-يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتىن (Tom Cotton) ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن كرىس سىمىت (Chris Smith)، تام سوزى (Tom Suozzi) قاتارلىقلار بىرلىكتە خىتاينىڭ تىرىك مەھبۇسلاردىن ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن «ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغانىدى.

بۇ خىل قانۇنلارنىڭ رولى ئىچكى ئورگان توپلىغۇچىلار ۋە ئورگان ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، پاش قىلىش ۋە ئۇلارنى جازالاش ئىكەن.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئەزا ئامبىرى قۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ۋە يېقىنقى يىللاردا لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك تۇرۇپ سۇغۇرۇۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانىدى.

2019-يىلى ئەنگلىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز ۋە مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى 1 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مەھبۇستىن ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىچكى ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىپ، سېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا خىتاينى قانۇنسىز ئىچكى ئورگان سودىسى بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ ساتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

2022-يىلى «ئامېرىكا ئورگان كۆچۈرۈش ژۇرنىلى» (American Journal of Transplantation) مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ يۈرەك ۋە مېڭىسى تېخى ھەرىكەتتىن توختىماي تۇرۇپ، يەنى ھايات تۇرۇپلا ئىچ ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئورگان ئېكسپورتى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر يۈرۈش پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) رادىيومىز مۇخبىرى ئالىم سېيىتوفنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. كىرىس سىمىس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ‹ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› نى تولۇق ماقۇللاش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن ئۇلارغا داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ تۇرىمەن. ھازىرقى ھۆكۈمەت تېخى ئاۋازىنى تاپقىنى يوق، بەلكىم كېيىنكى ھۆكۈمەت ئۆز ئاۋازىنى تېپىشى مۇمكىن. مانا ھازىرغىچە تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، بىز بىر ئىشنى باشلىساق، بۇ ئىش باشقا تەرەپكە كەتتى. بىز كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز دېگەن ھامان، ئۇلار گەپنى باشقا تېمىلارغا يۆتكەپ كەتتى. توختىماي قولدىن كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىۋاتىمىز» دېگەنىدى.

ئېتان گۇتمانمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق زور ئىقتىسادى پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئىلگىرى تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلار بۇ قەبىھ ئورگان جىنايىتىنىڭ قۇربانى قىلىنماقتا. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشتە، يالغۇز مېدىتسىنا ساھەسىدە خىتاينى ئاكادېمىك يىغىنلارغا ياكى تەتقىقاتلارغا قاتنىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇش كۇپايە قىلمايدۇ. خىتاينىڭ بارغانچە خەلقئارالىشىۋاتقان بۇ جىنايىتىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق جازالاش قانۇنلىرى يولغا قويۇلۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ئۇ سودىدىن بىۋاسىتە مەنپەئەت ئالماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇ ئاسان پۇل تېپىۋاتقان بۇ قەبىھ ئۇسۇلنى يەنە داۋام قىلىدۇ؛ ئۇيغۇرلاردىن كېيىن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقىلارنى نىشانلىشى مۇمكىن. سىياسەت ساھەسىدە خىتاينى جازالاش قانۇنلىرى ئىجرا قىلىنىشى بىلەن تەڭ، مېدىيا ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ بۇ ئېغىر مەسىلە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ دەپ قارايمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.