خىتايدىكى ئىچكىي ئەزالار سودىسى داۋاملىق دىققەت نۇقتىسىدا بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.01.19
خىتايدىكى ئىچكىي ئەزالار سودىسى داۋاملىق دىققەت نۇقتىسىدا بولماقتا 2020-يىلى 15-دېكابىردا «ئىچكى ئەزالار سودىسىنى توختىتىش قانۇن لايىھىسى» نى تونۇشتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تام كاتتىن (سولدا)، كرىستوفېر سىمىس (ئوتتۇرىدا) ۋە تام سۋازى (ئوڭدا) ئەپەندىلەر.
Social Media

خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئادەم ئىچكىي ئەزالىرى سودىسى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقان زور تېمىلاردىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بۇ خىل قەبىھ سودىنىڭ ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلدى.

«زېمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 19-يانۋار سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئىچكىي ئەزالار سودىسى نۆۋەتتە ئەڭ قورقۇنچلۇق سەۋىيىگە يەتكەن. دەل مۇشۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تام كاتتىن، كرىستوفېر سىمىس، تام سۋازى قاتارلىقلار 2020-يىلى 15-دېكابىردا «ئىچكى ئەزالار سودىسىنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان. بۇ ئىچكىي ئەزالار سودىسىنى چەكلەشتىكى تارىخىي بىر قەدەم بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىل قەبىھلىك ھەققىدە دەرگۇماندا ياكى ئىككىلىنىشتە بولۇۋاتقانلارغا ئوچۇق جاۋاب بولغان. شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىش رولىنى ئوينىغان.

بۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقۇرى پالاتاسىمۇ 2021-يىلى 12-يانۋار كۈنى لورد كىڭس خېس تونۇشتۇرغان «دورا ۋە تىببىي ئۈسكۈنىلەر قانۇنى: 13-تۈزىتىش» نى ماقۇللىدى. بۇ يېڭى قانۇن بويىچە ئادەم ئورگانىزىملىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەرقانداق توقۇلما ياكى ھۆجەيرىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىندى. لورد خېس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ ھال زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئەنگلىيە تەمىنات زەنجىرىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. چۈنكى ھازىر ھەممىمىز بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتىمىز» دېگەن.

تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرى خىتايدىكى ئىچكىي ئەزالار سودىسىدا تۈرمىلەرگە قامالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە مىليونلاپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىكى يېڭى نىشان بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. غەرپ دۇنياسىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بۇ قەبىھلىكنى چەكلەش مەسىلىسىنى بۇ قەدەر يۇقۇرى سەۋىيىگە ئېلىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنىڭ بولۇشى جىددىي تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.