ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.15
organ-ichki-eza-sodisi-2.jpg خىتايدا تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنىڭ تىجارەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى قارشى نامايىشتا، دوختۇر ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان نامايىشچىلار. 2007-يىلى 1-ماي، چېخ.
REUTERS

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 14-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇندىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش نىشانىغا ئايلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى «ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار» غا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار خىتايدىكى باشقا مەھبۇسلارغا بۇنداق تەلەپ قويۇلمىسىمۇ، بىراق ئېتنىك، تىل ياكى دىنىي ئاز سانلىق مىللەت تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا قېنى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇلترا ئاۋازلىق ئەسۋاب ۋە رېنتېگىنلىق ئەسۋابلار بىلەن ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا تەقسىم قىلىدىغان جانلىق ئىچكى ئەزا سانلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىغا ئائىت «ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار» نى تاپشۇرۇۋالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا سودىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا باشلانغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقى، كەسىپلەشكەنلىكى ۋە تېخىمۇ تورلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن. بۇ مەسىلىنى ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2020-يىلى چاقىرىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ھامىد سابىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 2015-يىلى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق دەلىللەر ئۇنىڭ ئىزچىل مەجبۇرىي ئىچكى كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ھامىد سابى 15-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «ئېرىشكەن دەلىللەر خىتاينىڭ جانلىق ئىچكى ئەزالارنى ئىزچىل ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئەتكەسچىلىكىدۇر» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «قورقۇنچلۇق جىنايەت» نى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خىتاي سەھىيە مۇئەسسەسىلىرى پايدىغا ئېرىشمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك بۇ قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىك جىنايەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، خىتاي سەھىيە سىستېمىسى گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ناھايىتى نۇرغۇن سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى ئىچكى ئەزا كۆچۈرگۈچى چەتئەل ساياھەتچىلىرىگە سېتىپ پايدا ئېلىپ كەلدى.»

مەزكۇر بايانات ب د ت نىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئاياللار-بالىلار ھوقۇقى، جىسمانىي-روھىي سالامەتلىك، ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي ئەركىنلىك، تەن جازاسى، خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل 12 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. باياناتتا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ «پەرقلىق جايلاردىكى قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەي ياكى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بېرىلمەي تۇرۇپ، تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان ئالاھىدە ئېتنىك، تىل ياكى دىنىي ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

گېرمانىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى خانۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باياناتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر «لوگىكىلىق خۇلاسىسى» ئىكەن.

خانۇ شەدلېر 15-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئازايتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئاياللارنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا ھېچقانداق تاللاش يولى قويمىغانلىقىنى بىلەتتۇق. مانا ئەمدى ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كەچۈرگەنلىكىگە دائىر دوكلات چىقتى. بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئۇلارغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنىڭ لوگىكىلىق خۇلاسىسى، دېسەك بولىدۇ.»

خانۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا «پەۋقۇلئاددە جىددىي» قارىشى، خىتايغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن. خانۇ شەدلېر: «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى بۇ دوكلات ب د ت نىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، بۇنىڭغا» پەۋقۇلئاددە جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇرۇن ئاۋازىنى چىقىرىپ كەلگەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغىمۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشى كېرەك.»

خانۇ شەدلېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنى خىتايغا «تۆھمەت قىلدى» دەپ ئەيىبلەپ، دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا ئۇرۇنسىمۇ شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقىنى باھانە قىلىپ، تەكشۈرۈشكە يول قويماسلىققا تىرىشىسىمۇ، بىراق غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتسە، ئۇنىڭ بۇ باھانىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئادۋوكات ھامىد سابىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ھەقىقەت ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېگىنىدەك بولمىسا، خىتايغا نىسبەتەن بۇنى ئىسپاتلاش بەك ئاسان ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاچسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىد سابى: «خىتايغا نىسبەتەن خىتاي سوت كوللېگىيەسى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بايانلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش بەك ئاسان. ئۇ بولسىمۇ مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ «ناھايىتى ئېنىق ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە» كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يۈيىن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنى «خاتا ئۇچۇر» تارقىتىش، خىتايغا «تۆھمەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ باياناتىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا سەل قاراپ، خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلەر ۋە خۇراپىي فالۈنگوڭچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تاللىغان» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.