خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

0:00 / 0:00

19-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكادا قولغا ئېلىنغان ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) نىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» نى توڭلاتقان ئىدى. ئىنتېرپول مەسئۇللىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇنىڭ ھەققىدىكى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» توڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

22-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئۈستىدىكى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى رەسمى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى مەزكۇر قارار خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا ئەزا 194 دۆلەتكە يەتكۈزۈلگەن.

ئىدرىس ھەسەن 2014-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن 4 قېتىم قولغا ئىلىنغان بولۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن تۇتۇپ تۇرۇلغان.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئەيىبلەنگەن كىشىلەرگە جىنايەت بېكىتىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، تولۇق دەلىل-ئىسپات تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى سوتلاردا ئىدرىسنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئىزچىل ئۇتۇپ چىققان ئىدى. شۇنداقتىمۇ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدە ئىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق خەۋپسىزلىك ۋە ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇرغان ئىدى.

ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىدا ھالقىلىق رول ئويناپلا قالماستىن، بۇندىن كېيىن بۇ خىل پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيە ۋە ماراكەش قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق گۇمان ۋە دەلىل يوق بولۇپ، ئىدرىسنىڭ تۈركىيىدە ۋە ماراكەشتە قولغا ئېلىنىشىغا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغان. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدە ئېچىلىدىغان سوتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.

ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى تېخىچە تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىدرىس ھەسەننىڭ 26-ئاۋغۇست كۈنى قويۇپ بېرىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالغان.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سوت سىموۋول خاراكتېرلىك سوت بولۇپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قارارى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنىڭ توغرا ۋە تولۇق ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك كۈچى ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى قوللىنىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلمەكتە.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقادىر ياپچان، ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق ئونغا يېقىن كىشىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكىدە ئىكەنلىكى مەلۇم.

«ئۇيغۇر يار فوندى» قولغا چۈشۈرگەن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت بىر مەخپىي ھۆججەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەن، ئەنۋەر تۇردى، ئابدۇقادىر ياپچان، ئابدۇخەۋەر جېلىل، نۇسرۇللا مەمەت، ئابدۇرېھىم مەمەت ئەلى، ئەلى ئابلەت ۋە مەمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرەم قاتارلىق شەخسلەرنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.