ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ماراكەشتىن ئامېرىكاغا كەلگەن ئىدرىس ھەسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

2021-يىلى 19-ئىيۇل ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 43 ئايلىق، يەنى ئۇچ يېرىم يىللىق ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا ساق سالامەت كەلدى. ئىدرىس ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ جەرياندا ياردەم قىلغان شەخس ۋە قۇرۇلۇشلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سەۋەب بىلەن بىز ئىدرىس ھەسەن ۋە ۋاشىنگتوندا ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئىدرىس ھەسەننى كۈتۈۋېلىپ ئۇنى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئىدرىس ھەسەن بىزگە مۇنداق دېدى:

«ب د ت، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ماراكەشتىكى 43 ئايلىق، يەنى ئۇچ يېرىم يىلدىن كۆپرەك بولغان ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا ساق سالامەت كەلدىم ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتىم. مەن بۇ جەرياندا ماڭا ياردەم قىلغان شەخس ۋە قۇرۇلۇشلارغا بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» .

ئۆمەر قانات ئەپەندىممۇ بىزگە ئۇچ يېرىم يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن، ماراكەش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، 14-فېۋرال ساق-سالامەت ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى رادىيومىزغا ئېيتتى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئائىلىسى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدى نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 16-دېكابىر، تۈركىيە
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئائىلىسى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدى نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 16-دېكابىر، تۈركىيە (RFA/Arslan)

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يولدىشى ئىدرىس ھەسەننىڭ ماراكەش تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا ساق سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «43 ئاي يەنى ئۇچ يېرىم يىلدىن كۆپ ۋاقىت ھاياتىمىز ئەندىشە ۋە قورقۇش ئىچىدە ئۆتتى. بولۇپمۇ يولدىشىمنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشتىن بەك ئەنسىرىدىم ۋە قورقتۇم. مەن ۋە باللىرىم يولدىشىم ئامېرىكىغا بېرىپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن تېلېفوندا كۆرۈشتۇق بىز بەك خۇشال بولدۇق. بىز ھازىر ئۇھ ئىدۇق ۋە يېنىكلەپ قالدۇق. خۇداغا شۈكرى».

ئىدرىس ھەسەن ماراكەشتە تۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارا ماسلاشتۇرغۇچى، تەرجىمان، ئىقتىسادىي ياردەم بەرگۈچى بولغان ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«2021-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئىككى قېتىم ئېنىق بولۇپ ئۈچىنچى قېتىم مەخپىي روياپقا چىقتى. تىنچ دىپلوماتىيەنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ماراكەشتىن ئايرىلغۇچە ھېچ قانداق خەۋەر بېرىلمىدى. بۇ جەرياندا ئەڭ ئىزچىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ھالقىلىق رول ئوينىغان، ئىسمى دېيىلمىسە بولمايدىغان ‹قوغدىغۇچى› (SafeGuard Defenders) تەشكىلاتى، ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل خادىمى لورا خارس (Laura Harth) بۇ تەشكىلات ماراكەشتە ئىككى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ ئۈچ يېرىم يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت، كانادا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئەلچىخانىسى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشىدە بەك مۇھىم رول ئوينىدى».

ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى يىغىندا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش
ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى يىغىندا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش (RFA/Erkin Tarim)

بۇزەينۇر خانىم يەنە يولدىشى ئىدرىس ھەسەننىڭ 43 ئايلىق ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش جەرياندا ياردەم قىلغان شەخس، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە قۇرۇلۇشلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا بۇزەينۇر خانىم ئۆزىنىڭ ۋە ئۇچ بالىسىنىڭ تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ بەك قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، قولىدا ھېچبىر دۆلەتنىڭ پاسپورتىنىڭ يوقلۇقىنى، يولدىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەم بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەركىن دۇنيادىن بۇنىڭغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.