12-نويابىر شىۋېيتسارىيە، گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قورۇلغان تارىخىي كۈننى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قەدەر چوڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر تەشكىللىگەنىدى.
يەكشەنبە كۈنى، شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرن شەھىرىدە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتتە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ياش ئەۋلادلارغا بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

پائالىيەتتە يەنە خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە، جازا لاگېرلىرىدا بىگۇناھ ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى، شۇنداقلا ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ھۆرلۈك يولىدا جان بەرگەن ئەجدادلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمىقۇرئان ئوقۇلدى.
بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم، بۇ تارىخىي كۈننى خاتىرىلەش ھەمدە ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش بۇ يىغىلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى
پائالىيەت جەريانىدا يەنە، شىۋېيتسارىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.
گوللاندىيەدىمۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 12-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» خاتىرىلەندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى ئۆزگىچىلىك بولسا، گوللاندىيەدىكى يېتىلىۋاتقان ياش سىياسەتچىلەردىن ئەخمەتجان قاسىم گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىغا، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان گوللاندىيە سايلىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدىشى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
ئەخمەتجان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يېقىنلىشىۋاتقان گوللاندىيە سايلىمى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن دېموكراتىيەسىگە قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

گوللاندىيە يېشىللار پارتىيەسى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ياش سىياسەتچى ئالئەركمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت قاتنىشىپ، گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىغا بىخەتەرلىك ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئالئەرك ئەپەندىممۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىتلىرىگە قارىتا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.

ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تەشكىللىشىدە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ھۆرلۈك ئىستەيدىغان، يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە بىر خەلق» ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنى «مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى گوللاندىيە خەلقىگە، جۈملىدىن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 12-نويابىر خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىيالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ» ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك مىراسلار قالغان لىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇلار باياناتىدا مۇنداق يازدى: «مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنىڭ سىمۋولى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ‹ئىستىقلال مارشى› ، دۆلەت گېربى، بۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى. »
ئۇيغۇر خەلقى 1933-يىلى ئاينىڭ 12-نويابىر قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنى دۇنياغا نامايان قىلغان ئىدى.