ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىمۇ 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم ئادېلايىد شەھىرىدىكى «قەدىمى بازار» پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەتكە ئادېلايدتا ياشاۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشقان.

بۇ پائالىيەت ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئالدى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان. پائالىيەتتە يەنە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 86 يىللىقىنى، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. بۇ مۇراسىم ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم پائالىيىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.»

نۇرمەمەت ئەپەندى يەنە تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر پائالىيەت مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمىزدا تارىخىمىزنى، ئەنئەنىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزىدىغان ۋە ئۆزىمىزنى ۋەتەن تۇپراقلىرىغا باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم پائالىيەتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ پائالىيىتىمىز نۇقۇللا تارىخنى خاتىرىلەش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزغا يوقاتقان جۇمھۇرىيىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن روھى ئوزۇق بېرىدىغان سورۇندۇر.»

ئادېلايدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئەدىب ئەخمەت ئىگەمبەردى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلىگەن ۋاقتىمىزدا رەھبەرلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ باتۇرانە روھىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىرگە ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلاردىنمۇ ساۋاق ئېلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.»

ئەخمەت ئىگەمبەردى يەنە ئۈچىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتە ئىتتىپاق بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. تاشقى جەھەتتە بىزگە پايدىلىق شارائىتلارمۇ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئىچكى جەھەتتە يەنىلا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق قاتارلىق تەرەپلەردە يېتەرسىزلىكلەر كۆپ. ئەگەر بىز ئۈچىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرماقچى بولساق، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشىمىز لازىم.»

ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە يىللاردىن بۇيان تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.