ئەنقەرەدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۈچ مەسىلە تەكىتلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-11-15
Share
Jumhuriyet-Bayrismi-2020-Enqere-02.jpeg ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-نويابىر. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى، 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 76 يىللىقىنىخاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. د ئۇ ق، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى گرەئەن پارك مېھمانخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

ئاندىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابلېىكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. 

يىغىننىڭ كېيىنكى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇدى. ئۇ باياناتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 3 مەسىلىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 12-نويابىر كۈنى، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 87 يىللىقى، 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 76 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. خۇدايىم بىزگە يەنە بىر مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى قۇرۇشىمىزنى نىسىپ قىلسۇن. بۈگۈنكى مەتبۇئات يىغىنىدا تۈرك جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك 3 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز: بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ زېمىنىدۇر. 1884-يىلىدا مانجۇ ئىمپېرىيەسى بۇ تۇپراقلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ‹شىنجاڭ› نامى بېرىلگەن. ئىككىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك دەۋاسىدۇر. ئۈچىنچىسى، خىتاي ‹يېڭى يىپەك يولى› قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. خىتاي 2010-يىلى دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچ بولغاندىن كېيىن، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە كۈچەيتتى. بۇ سەۋەپتىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەت يۈرگۈزمەكتە.» 

فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى باياناتىدا تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى. 

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 1944-يىلى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يوق قىلىنىشى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ شۇ دەۋردىكى تاشقىي كۈچلەرنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن يىقىلىشىغىچە بولغان جەرياندا قانداق رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت