تۈركىيە پروفېسسورلىرى ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.01.09
ilham-toxti-guruppisi-turkiye ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى ئىلھام توختىنى قوللىغان تۈركىيەدىكى پروفېسسورلار بىلەن. 2023-يىلى 12-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈرك پروفېسسورلار ئىشتىراك قىلغان تور يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا قاتناشقان تۈركىيەلىك پروفېسسور ۋە سىياسىيونلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، ھازىر خىتايدا ئۆمۈرلۈك قاماقتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

يىغىنغا ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ھاجىبايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى ئىشق قۇشچۇ بوننافېد خانىم، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى پروفېسسورلىرىدىن مۇئاللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم، قۇتلۇق قاھان سۈمەر، دوكتور ئۆمەر قۇل ۋە ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

تور يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پائالىيىتىمىز تۈركىيەدىكى پروفېسسور ۋە سىياسەتچىلەرنىڭمۇ قوللىشى بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلەرنىڭ سانى 23 دۆلەتتىن ئىككى يۈز نەپەردىن ئاشتى. مەن شۇنى قايتا تەكىتلىمەكچىمەنكى، تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك جاۋابى ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشتۇر. شۇڭا بۈگۈنكى تور يىغىنىمىزدا ئىلھام توختى كىم؟ ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز.»

ئارقىدىن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، ئىلھام توختىنىڭ ھايات-سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈرك پروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى خىتايدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئاكادېمىكتۇر. مەنچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۇنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. شۇڭا مەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا نامزاتلىققا كۆرسىتىۋاتىمەن. بۇ يىلمۇ تۈرك پروفېسسورلارنىڭ قوللىشى بىلەن نامزاتلىققا كۆرسەتمەكچىمىز. ئۇ، 2019-يىلى ساخاروف مۇكاپاتىنى ئالدى. ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلھام توختى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە دۇنياۋى تىنچلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان ئوندىن كۆپ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. ئۇ كېيىنكى 6 يىل ئىچىدە›نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى‹غا نامزات كۆرسىتىلدى. بىز ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە داۋام قىلىمىز.»

پروفېسسور مۇئاللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىلھام توختىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كەسىپداشلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى 2014-يىلىدا تۇتقۇن قىلىندى. ئەپسۇس 2014-يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. دەۋا ئادىمى بولۇش قىيىن، ھەقىقىي دەۋا ئادىمى بولۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك. ئىلھام توختى ئۆز مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى. مەن بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەدە ئىلھام توختىنى ياخشى تونۇشتۇرۇۋاتىمەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق پروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى نامزات كۆرسىتىشكە چاقىرىۋاتىمەن، ھەتتا تېلېفون قىلىپ دەۋاتىمەن. بۇ قېتىم تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان باشقا پروفېسسورلارمۇ ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى زىيالىيلارنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر جان ئەپەندى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، يىغىندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تۈرك پروفېسسور ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيانقى 10 يىل ئىچىدە «ساخاروف مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە تۈركىيەدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە ئۇدا 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.