ئىلشات ھەسەن: «تۇتقۇندىكى سىڭىللىرىمنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىنى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىدىن بىلدىم»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-04-14
Share
ئىلشات ھەسەن: «تۇتقۇندىكى سىڭىللىرىمنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىنى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىدىن بىلدىم» ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، د ئۇ ق نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئۈچ سىڭلىسى. (سولدىن ئوڭغا: زۇلپىيە، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، ئىلنۇر، 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۈنزىرە، ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.)
Ilshat Hesen teminligen

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان قىيىن-قىستاقلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادىكى «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى زەربىدىن قۇتۇلۇش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق كۈيتۇن شەھىرىدىكى جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئانار سابىت ئىسىملىك بىر قازاق قىزىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى بېرىلدى.

ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان زىيارەت خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، لاگېردا كۆرگەن ئەھۋاللار ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قازاق قىزى ئانار سابىت، بايانىدا يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۈيتۇندىكى لاگېرغا قامالغان ئىككى سىڭلىسى ھەققىدىمۇ ئۆزى بىلگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر خەۋەردىن، ئۇنىڭ 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان چوڭ سىڭلىسى ئېلنۇر ۋە 2016-يىلى ئاخىرىدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىككىنچى سىڭلىسى زۇلپىيە، ئۇنىڭ ئېرى ئالىمجان ۋە چوڭ قىزى زۇمۇراي قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە بويىچە كۈيتۇن لاگېرىغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى كۈيتۇن تۆمۈريول دوختۇرخانىسىدا سېسترالىق خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان چوڭ سىڭلىسى ئېلنۇر ھەسەننىڭ ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋالنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق بىرقانچە تاراتقۇلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىغانىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چوڭ سىڭلىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، يەنى 2016-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇڭا ئۇ ئىككىنچى سىڭلىسى زۇلپىيە قاتارلىقلارنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى، ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى زەربىدىن قۇتۇلۇش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدىن بىلگەنىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىدىن ئۆزى سەۋەبلىك سىڭىللىرىنىڭ كۈيتۇن لاگېرىدا تەھدىتكە ئۇچراش، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ئىككىنچى سىڭلىسى زۇلپىيەنىڭ قىيىن-قىستاق سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىش، چوڭ سىڭلىسى ئېلنۇرنىڭ لاگېردىن بىرقانچە ئاي غايىب قىلىنغاندىن كېيىن ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللارنى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، مەيلى چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ياكى ئۆزىنىڭ نورمال ئوقۇش خىزمەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل تەھدىت، ھەتتا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش قىسمەتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان روھى جەھەتتىكى بېسىمنىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت