دەررېن بايلېر: «ئىنسانشۇناسلار ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ»
2024.07.01
ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە بۈگۈننىڭ ۋەزىيىتىگە باغلاپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر يېقىندا «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى دوستلۇق: ئىنسانشۇناسلار بۈگۈنكى خىتايدىكى ئۇيغۇرلاردىن قانداق ئۇچۇر ئېلىشى كېرەك؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا ئوينايدىغان رولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان يوللار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىنسانشۇناسلار ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىنسانلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئەمما ئۇلار پىكىر بايان قىلغاندا چوقۇم ئۆز ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار ئۈچۈن گەپ قىلىشى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچى بولۇشى كېرەك» .
دەررېن بايلېر بۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان 2000-يىللاردىن باشلاپ تونۇشقان ئىنسانشۇناسلارنى، جۈملىدىن ئامېرىكالىق خىتاي تەتقىقاتچىلار ۋە خىتايدا ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى بىر دوستلۇقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بىر پەرقنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ئىنسانشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇرلارنى ياردەمچى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
دەررېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، ئىنسانشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتى، تەشۋىقاتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتقاندا، ئىنسانشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ئۇلار ئۇچراۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ؛ ھەتتا ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلەش، گۇۋاھلىق بېرىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ كىرىزىسنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تۆھپە قوشالايدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دەررېن بايلېر بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانشۇناسلار كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش، ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇلارنى باشقا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا ئىنسانشۇناسلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ، ئۇ يەردىن قاچقانلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇ يەردىن قاچالمىسىمۇ گەپ قىلالمايدىغانلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى خاتىرىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار شۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە گەپ قىلالايدۇ».
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئېتنوگرافىيەسى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى رەيچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم دەررېن بايلېرنىڭ بۇ ماقالىدىكى كۆز قارىشىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋە دەررېن بايلېر، شۇنىڭدەك مېنىڭ نۇرغۇن كەسىپداشلىرىم قالتىس ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ بۇ كەسىپ ۋە خىزمەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇھىم بولغىنى ئاشۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش».
دەررېن بايلېر بۇ ماقالىسىدە، خاڭجۇدا ئىنسانشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان فېڭ سىيۆ ئىسىملىك بىر قىزنىڭ 2017-يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، 2018-يىل «تېلېفونىغا چەت ئەلنىڭ ئەپ دېتالىنى قاچىلىغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى مىسال كەلتۈرىدۇ.
پىروفېسسور رەيچېل ھاررىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، فېڭ سىيۆنىڭ ئەھۋالى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. بىلىشىمچە، ئۇ راھىلە داۋۇتقا سادىق بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ قاتتىق جازالاندى. قورقۇنچلۇق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللەتنىڭ پەرقىنى ئاجرىتىش ناھايىتى قىيىن. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، كىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش، ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغان خىتايلارنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرسىتىشتۇر».
تەتقىقاتچى دەررېن بايلېر ئىنسانشۇناسلارنىڭ مەلۇم بىر جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانشۇناسلار ھېكايە سۆزلەيدۇ، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن كۈلپەتنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن كۈچەيتىپ بايان قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ھېكايىلەر ئۆز كەچمىشىنى سۆزلەش ھوقۇقى يوق ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا ئېيتماقچى بولغان ھېكايىلىرىدۇر، ئىنسانشۇناسلار بۇلارنى خاتىرىلەيدۇ، ئاندىن مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىپ، بۇ ھېكايىنى باشقىلارغا بايان قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇ ئىنسانلار يەنىلا بىخەتەر بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېكايىسى دۇنياغا تارقىلىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ تەقىب نازارىتى ۋە دۆلەت زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن بۇلارنى قىلىش ناھايىتى تەس. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا مەنبەلەردىن ئىزدىنىپ، قانداقلا بىر ماتېرىيال بولسۇن ئۇنى تېپىپ بايان قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش كېرەك بولىدۇ».
دەرېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، راھىلە داۋۇت ۋە فېڭ سىيۆگە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يەكلەنگەن مىللەتلەر ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىسىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغلىغىنى بىلىدىغان، ئىنسانلارنىڭ خاسلىقىغا مۇھەببەت باغلىغان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردەك مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسنى قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مەيلى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن، ياكى تەتقىقاتچى بولسۇن، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، ھەتتا خىتايدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «چېن يىغا ئوخشاش خىتاي كۆچمەنلىرى ياكى فېڭ سىيۆگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار بولسۇن، ئۇلار شىنجاڭدا ۋىجدان بىلەن ئىش قىلالايدىغان ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرالايدىغان خىتايلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چېن بىلەن فېڭ يالغۇز ئەمەس، ئۆتكەن 5 يىلدا نەچچە ئونلىغان خىتاي پۇقراسى ماڭا ئۆزلىرى نەق مەيداندا كۆزەتكەن ئەھۋالنى يەتكۈزدى. ئۇلار ھازىرقى خىتاينىڭ كىشىلەر ئويلىغاندەك خىتاي ئەمەسلىكىنى دۇنيانىڭ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».
تەتقىقاتچى دەررېن بايلېر نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي ئىنسانشۇناسلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ئىنسانشۇناسلار ئۇ جايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بايان قىلىشتا يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇلار بايان قىلسا بولىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەر، جۈملىدىن خىتاينىڭ دۆلەت زوراۋانلىقى ۋە باستۇرۇشىغا ئائىت ھېكايىلەر بار. مەلۇم جەھەتتە، خىتايلار ئۇ ھېكايىلەرنى باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك بايان قىلالايدۇ».
ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا بارغان خىتاي تەتقىقاتچىلار بىر ياقتىن خىتاينىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىسا، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمان بىلەن قارىشىغا ئوخشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ۋە تەقىب-نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى چۈشەنگەن كىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق خىتايغا، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۇلار تەرەپتە تۇرۇشنى خالايدىغان خىتايلارغىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى ئاڭقىرالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتايدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئىنسانشۇناسلار ئۇيغۇر رايونىدا ئالغان ئۇچۇرلىرىنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، پائالىيەتچىلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىسە، ئىلىم ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنى بېجىرگەن بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىدىن نارازى خىتاي پۇقرالىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئىچىدە خىتايدىكى تەڭسىزلىك ۋە زوراۋانلىققا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قەبىھ باستۇرۇشنىڭ بۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلار، ھەتتا قارشى تۇرىدىغانلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەبتىن، خىتايدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بولىدۇ.
دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەت ئەلدىكى ۋە خىتايدىكى ئىنسانشۇناسلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە بىر-بىرىگە ئۇچۇر بېرىش ھەمدە ھەمكارلىشىش كۈچەيسە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەر كۆپەيسە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇش ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇش كۆلىمى كېڭىيىدۇ.
ئىنسانشۇناسلار سىياسەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇلار سىياسەتنىڭ ئويۇنچۇقى بولماسلىقى كېرەك. ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىنسانىي، ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي نۇقتىدىن كۆزىتىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش روھىنى بۈگۈنكى خىتاينىڭ تەتقىقاتىغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىنسانشۇناس خىتايلارنىڭ ھازىر تەتقىقات يۆنىلىشىنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىشى مېنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئۇلار شۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ، تەرجىمە قىلىدۇ، كۆزىتىدۇ، مەندەك چەت ئەللىكلەر بارالمايدىغان يەرلەرگە بارىدۇ، مەنچە ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا قاراپ تۇرغانلىقىمىزنى بىلىدۇ».